يېقىندا قازاقىستان پايتەختى ئاستانا شەھىرىدە ئۆتكەن تۈركىي تىللىق مەملىكەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن بىر ھەپتىگە يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتە قازاقىستاننىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېيتارلىق ئىنكاسلار بولمىدى.
يەرلىك ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەۋەرلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 11-سېنتەبىردە قازاقىستان پايتەختى ئاستانا شەھىرىدە تۈركىي تىللىق مەملىكەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇچرىشىشى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەزەربەيجان پرېزىدېنتى ئىلھام ئالىيېف، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېف، تۈركىيەنىڭ مىللىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى ئىسمەت يىلماز ۋە تۈركمەنىستان باش مىنىستىرىنىڭ ئورۇنباسارى ساپاردۇردى تويلىيېف قاتناشقان ئىدى.
ئەزەربەيجاننىڭ «ترېند.ئاز» ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تۈركىي تىللىق مەملىكەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى دائىم ئۈستۈن دەرىجىدە بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئۇلار ئەنئەنىۋى رەۋىشتە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي شېرىكلەر بولۇپ كەلگەن ھەم خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۇلار بىر-بىرىنى دائىم قوللاپ، ئالاقىلىرىنى مۇستەھكەملىگەن. بۈگۈنكى كۈنگىچە تۈركىي تىللىق مەملىكەتلەر كۆپلىگەن بىرلەشكەن تەشەببۇسلارنى ۋە ئومۇمىي لايىھىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرماقتا ئىكەن. شۇلارنىڭ ئىچىدە ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق كۈچىيىپ، ئۆتكەن ئايدا خەلقئارا تۈركىي يېڭىلىق قانىلىنى قۇرۇش قارارى قوبۇل قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە، تۈركىي تىللىق دۆلەتلەرنىڭ بىلىم مىنىستىرلىقلىرى ئومۇمىي تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى ۋە ئەدەبىياتى توغرىلىق دەرسلىكلەرنى تەييارلاش مەسىلىلىرىنىمۇ مۇھاكىمە قىلماقتا. مەزكۇر ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىي تىللىق مەملىكەتلەر ئومۇمىي تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە مىراس فوندىنى تەشكىل قىلىشنى كۆزلەپ، بۇ ئىش ئەزەربەيجاندا ئۇيۇشتۇرۇلماقچى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۈركىي تىللىق دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى پەقەت مەدەنىيەت ۋە بىلىم ساھەلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئۇلار ئىستراتېگىيىلىك مەقسەتلەرنىمۇ، ئاتاپ ئېيتقاندا ئۆز تېررىتورىيىلىرىدە خىتاي ۋە ياۋروپانى باغلاشتۇرىدىغان ئۇلۇغ يىپەك يولىنى قايتا ئورنىتىشنىڭ يوللىرىنىمۇ كۆزلىمەكتە ئىكەن. بۇ يەردە باكۇ-تبىلىس-كارس تۆمۈر يولى ۋە غەربىي ياۋروپا-غەربىي خىتاي ئاپتوموبىل يولى، كاسپىي دېڭىزىدىكى زامانىۋى ترانسپورت قۇرۇلۇمى، خىتاي-قازاقىستان ۋە ئەزەربەيجان تۆمۈر يولىنى ئىشقا قوشۇش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولماقتا.
«ب. نيۇس. كز» ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، مەزكۇر ئۇچرىشىشتا قازاقىستان پرېزىدېنتى ن. نازاربايېف 2017-يىلى ئاستانادا ئۆتىدىغان «خەلقئارا 2017 كۆرگەزمىسى»گە تۈركىي تىللىق مەملىكەتلەرنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېگەن: «...يېقىندا پايدىلىنىشقا بېرىلىدىغان غەربىي ياۋروپا - غەربىي خىتاي- ئاپتوموبىل يولى بۇ رايون ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر. مەن بۇ ئىشنى قازاقىستاندا تاماملايمىز ۋە بىزنىڭ پروگراممىمىزنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشلىرىنىڭ بىرى ‹نۇرلۇق يول› دەپ ئويلايمەن.» پرېزىدېنت بۇ جەھەتتە زامانىۋى يىپەك يولىنىڭ ھەمدە سىياھەت پروگراممىسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرسەتكەن.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى تۈركىي تىللىق مەملىكەتلەرنىڭ مۇستەقىل بولغىنىغا 25 يىل تولغان بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنگە قەدەر تۈرك دۇنياسىدا ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئىتتىپاقلىقنىڭ شەكىللەنمىگەنلىكىنى ئەپسۇس بىلەن تىلغا ئالدى ھەم ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىي خەلقلەر بىرلىكىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «باكۇدا، ئەنقەرەدە، مانا ئەمدى ئاستانادا تۆت تۈركىي تىللىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئۇچرىشىپ، مەسىلىلەرنى قاراۋاتىدۇ. بىرىنچىدىن، تۈرك دۇنياسىدا بىرلىك يوق. مەسىلەن، ئاستانادا بولغان يىغىنغا ئۆزبېكىستان قاتناشمىدى. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. تۈركىيە باشلىق تۈرك دۇنياسىدا ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي بىرلىك قولغا كەلسە ياخشى بولاتتى، دەپ ئويلايمەن. بۇنىڭ تارىخىي، جۇغراپىي، سىياسىي ئەھمىيىتى بار. چۈنكى، ئوتتۇرا ئاسىيادا كېيىنكى يىللاردا ھەم رۇسىيە، ھەم خىتاي ئۆز مەنپەئەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ. كېيىنكى 25 يىلدا خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە كۈچلۈك سىڭىپ كىردى. خىتاي تۈرك بىرلىكىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئاساسەن خالىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئاتالمىش يىپەك يولىدىكى ناھايىتى خەتەرلىك ئىقتىسادىي بەلۋاغ ئىستراتېگىيىسىنى سەھنىگە كۆتۈرۈپ چىقتى. بۇ ئىستراتېگىيەگە قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاننىڭ قوشۇلغۇسى بار. مۇشۇ ئىستراتېگىيە ئارقىلىق خىتاي تۈركىي تىللىق دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكىنىڭ شەكىللىنىشىگە يول قويمايدۇ. رۇسىيەمۇ كېيىنكى ۋاقىتتا مەركىزىي ئاسىياغا ناھايىتى مەنپەئەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھەر قانداق كېلىشىملەر ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئۆزىگە قارىتىشقا كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. رۇسىيەمۇ تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكىنى خالىمايدۇ.»
ق. غوژامبەردى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنىڭ، دىنىنىڭ، تىلىنىڭ ئوخشاشلىقىغا قارىماي، بۈگۈنگە قەدەر بىر پۈتۈن مەدەنىي گەۋدىنى تىكلەلمىگەنلىكىنى، ئومۇمىي تارىخ، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا بىرلىككە كېلەلمەيۋاتقانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ كېلەچەكتە تۈرك دۇنياسى بىرلىكىنىڭ سەھنىگە چىقىش مۇمكىنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.