18-يانۋاردا ئالماتا شەھىرىدە تۈركىي خەلقلەر مەدەنىي فوندىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، «كۆچمەنلەر مىراسى» خەلقئارالىق ئاممىۋى فوندىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن قازاقىستان تۈركىي خەلقلىرى ياشلىرىنىڭ دۇنياۋى بىرىنچى قۇرۇلتىيى ئۆتتى.
قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ھەر خىل تۈركىي خەلقلەرنىڭ ياش ۋەكىللىرى قاتناشقان مەزكۇر مۇراسىمدا كىرىشمە نۇتۇق بىلەن سۆزگە چىققان تۈركىي خەلقلەر مەدەنىي فوندىنىڭ پرېزىدېنتى ئەھمەت داغدۇران، «كۆچمەنلەر مىراسى» خەلقئارالىق ئاممىۋى فوندنىڭ پرېزىدېنتى سېيدومار باتىرجان، «تۇران دۇنياسى» ئاممىۋى فوندىنىڭ پرېزىدېنتى كارلىن مەخپىروفلار كۆپلىگەن تۈركىي خەلقلەر ۋەكىللىرى ياشاۋاتقان قازاقىستاندىكى مىللەتلەر دوستلۇقى، مىللىي رازىمەنلىك ۋە بىرلىك ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ قەدرىيەتلەرنى ساقلاشتا ياشلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى ھەم كەلگۈسى ۋەزىپىلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مۇراسىمدا، تۈركىي خەلقلەر مەدەنىي فوندى ياشلار ئىتتىپاقى رەئىسى بانۇ دۈيسېباي قىزى شۇنداقلا خازار، تۈركمەن، ئۆزبېك، ئۇيغۇر، خاقاس، قىرىم تاتارلىرى، قىرغىز ۋە باشقىمۇ تۈركىي خەلقلەر ۋەكىللىرى ئۆز دوكلاتلىرى بىلەن سۆزگە چىقتى. يىغىن جەريانىدا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرى ئىجرا قىلىندى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تۈركىي خەلقلەر مەدەنىي فوندىنىڭ پرېزىدېنتى ئەھمەت داغدۇران، مەزكۇر قۇرۇلتايغا قاتناشقۇچى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى، ياش شائىر ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف قۇرۇلتاي ھەققىدە ئۆز تەسىراتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.