تۈركىيەدىكى بىر قانچە ئاممىۋى تەشكىلات باشلىقلىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00


8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تۈركىيىدىكى ئىككى چوڭ ئاممىۋى تەشكىلات بىلەن بىر شەھەرلىك ھۆكۈمەت بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلىدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن «تۈركىيە ياشلار بىرلىكلىرى كونفېدراتسىيەسى»نىڭ باشلىقى بىلال ئوقۇ ئەپەندى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈرك خەلقىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا دەۋەت قىلدى. ئۇ باياناتىدا خىتاينىڭ 65 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، كېيىنكى يىللاردا بۇنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى بۇ زۇلۇم تۈگىگىچە تۈرك خەلقىنى خىتاينى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.

تۈركىيە ياشلار بىرلىكى كونفېدراتسىيەسى باشلىقىنىڭ باياناتى
تۈركىيە ياشلار بىرلىكى كونفېدراتسىيەسى باشلىقىنىڭ باياناتى


8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان چورۇم ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى بولغان چورۇم شەھىرىدە تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى رەھبەرلىرى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشىكىنى ئېتىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. باياناتتا نۇقتىلىق ھالدا تۆۋەندىكىلەر تەكىتلەنگەن:

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى. بۇ مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىشىنى خالايمىز. تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە راھەت تۇرمۇش كۆچۈرىشىگە پايدىسى بولۇشى كېرەك. تاشقى سىياسەتتە تۈركىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشىۋاتقان خىتاي ئىچكى سىياسەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا زۇلۇم سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسا، بۇ يەردە ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئىنسان ھاياتىنىڭ ئۈستىگە چىققان بولىدۇ. بۇنى بىز كادىرلار ئۇيۇشمىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قوبۇل قىلمايمىز. خىتاي ئادەم ئانىسىدىن تۇغۇلغان ۋاقتىدىلا ئىگە بولغان ھەق - ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئىنسان ھەق - ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلمايدىغان دۆلەتلەر بىلەن تىجارەت قىلماسلىقىمىز كېرەك. خىتاينىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا قىلىۋاتقان زۇلۇمى تۈگىمىگىچە تۈركىيەنى خىتاي بىلەن تىجارەت قىلماسلىققا چاقىرىمىز.

8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تۈركىيە سامسۇن ۋىلايىتى ئاتاقۇم شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى ئىساق تاشچى ئەپەندى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىردى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى ھەر دائىم قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ باياناتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى، دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ بولسا بۇنىڭغا قاراپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. سامسۇن ئاتاقۇم شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىگە قويۇلغان باياناتنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرغان.

بۇلارنىڭ سىرتىدا تۈركىيەدىكى گېزىت - ژۇرنال، تېلېۋىزىيە ۋە ئىجتىمايى تاراتقۇلاردىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلمەكتە. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە ئەگەر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئىزچىل ھالدا مۇشۇنداق ئورۇن ئالىدىغانلا بولسا، ئۇيغۇر مەسىلىسى يېقىن كەلگۈسىدە تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىدىكەن.

بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ تۈركىيە دېموكراتىيەلىك تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەت بولغاچقا، تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.