تۈركىيەنىڭ ئەسكىشەھەر شەھىرى ئوسمانغازى ئۈنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان «1 - نۆۋەتلىك خەلقئارا بالىلار ئويۇنلىرى ۋە ئويۇنچاقلار ئىمىي مۇھاكىمە يىغىنى» رەسمىي باشلاندى. يىغىنغا ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، رۇسيە فېدېراتسىيەسىدىكى تۈركىي مىللەتلەر، كافكازىيە، بالقانلار، ئىراق، ئىران ۋە تۈركىيەدىن كۆپ ساندا فولكلور تەتقىقاتچىسى قاتناشماقتا. ئۇيغۇرلاردىن ئىزمىر ئەگە ئۈنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى قاتناشتى ۋە «ئۇيغۇر بالىلىرى ئويۇنلىرى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي دوكلاتىنى بەردى. ئۇ، دوكلاتىدا ئۇيغۇرلاردىكى ئويۇنلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ئوينىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى شەكىللەندۈرۈشتىكى ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.
«1 - نۆۋەتلىك خەلقئارا بالىلار ئويۇنلىرى ۋە ئويۇنچاقلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرى پروفېسسور دوكتور نابى ئاۋجى ئەپەندى، ئەسكىشەھەر ۋالىسى ئازىم تۇنا ئەپەندى، ئوسمانغازى ئۈنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پروفېسسور دوكتور ھاسان گۆنەن ئەپەندى ۋە تۈرك دۇنياسى بالىلار ئويۇنلىرى ۋە ئويۇنچاقلىرىنى تەتقىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىش پىلانى مەسئۇلى دوكتور يالچىن باي ئەپەندى ۋە ئامېرىكا مىشىگېن ئۈنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور تىمۇر قوجائوغلۇ ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرى نابى ئاۋجى ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقىدا تۈركىيەنىڭ قوللىشى بىلەن دۇنيادىكى پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بالىلار ئويۇنلىرى ۋە مىللىي ئويۇنچاقلار توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ۋە بۇلارنى توپلاپ تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.
بۇ يىغىننى ئويۇشتۇرغۇچى دوكتور يالچىن باينىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىن ئۇيغۇر فورلكلور تەتقىقاتچىلار تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى رۇخسەت بەرمىگەچكە كېلەلمىگەن.
14 - ماي كۈنىدىن 17 - ماي كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان يىغىندا 260 ئەتراپىدا فولكلور مۇتەخەسسىسى ئىلمىي دوكلات بەرگەندىن سىرت، ھەر تۈركىي مىللەت يىغىن زالىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ مەيداندا بۆلمە ئېچىپ، بالىلار ئويۇنلىرى ۋە ئويۇنچاقلىرىنى تونۇتماقتا.