تۈركىيە كادىرلار ئويۇشمىسى ۋە تۈرك ھەمكارلىق بىرلىكىنىڭ ئويۇشتۇرۇشى بىلەن 27 - ئاۋغۇست كۈنى چۈشتە ئەنقەرەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
نامايشقا تۈركىيە كادىرلار ئويۇشمىسى رەئىسى ئېسمايىل قونجۇق ئەپەندى، تۈرك ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا 76 ئەتراپىدا ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشىغا ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەسئۇللىرىدىن خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرمۇ قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە لۇزۇنكىلارنى كۆتەرگەن ھالدا قاتناشتى.
نامايىشتا سۈرىيەدە زەھەرلىك گاز بىلەن ئىنسان ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ۋە بىگۈناھ ئىنسانلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق، مىسىردا ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىق ئەيىبلەنگەندىن باشقا، نامايشچىلار ب دت بىلەن تۈركىيە ھۈكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى. نارازىلىق نامايىشى جەريانىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن تۈركىيە كادىرلار ئويۇشمىسى رەئىسى ئېسمايىل قونجۇق ئەپەندى، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مىسىر ۋە سۈرىيەدە يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىققا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇشۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە، شەرقىي تۈركىستان ئاقسۇنىڭ ئايكۆل يېزىسىدا، قارغىلىقنىڭ يىلقىچى يېزىسىدا كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ، تۈركىيە ھۈكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، ب د ت بىلەن تۈركىيە ھۈكۈمىتىنى شۇنداقلا دۈنيا دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى.
نارازىلىق نامايىشىغا قاتناشقان كىشىلەر قوللىرىدا «سۈرىيەدىكى قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن، مىسىر خەلقىغا ئەركىنلىك، شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك، پەلەستىنگە ئەركىنلىك» دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار يېزىلغان لۇزۇنكىلارنى كۆتەرگەن ھالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر بىناسى ئالدىدا نارازىلىقىنى ئىپادىلەشتى. بىز بۇ نامايىش ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، دۈنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى مۇساپىرلار كومىتېتى رەئىسى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈرك خەلقىنىڭ مىللىي مەسىلىسىگە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.
0:00 / 0:00