تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى يۈ خوڭياڭنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.
خىتاي باش ئەلچىسى يۈ خوڭياڭ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇچرىشىشقا بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىدىن ئۈزەيىر تۇنچ ئەپەندى، ئىلكەر قايالىئوغلۇ ئەپەندى ۋە بۈلەنت ئىسپىر ئەپەندىلەرمۇ قاتناشتى. خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىسى يۈ خوڭياڭ بۇ ئۇچرىشىشقا خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىلىكى سىياسىي ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ فېي بىلەن بىرلىكتە كەلدى. بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇچرىشىشنى خىتاي ئەلچىسى يۈ خوڭياڭ تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئۇچرىشىش 4 يېرىم سائەت داۋاملاشقان. بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسىي تېمىسى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا بولغان. خىتاي ئەلچىسى يۈ خوڭياڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. مۇستافا دەستىچى ئەپەندى بولسا ئۇيغۇر رايونىدا مەيدانغا كېلىۋاتقان ھادىسىلەردىن قاتتىق بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئۇلارنىڭ ئەقەللى ھەق - ھوقۇقلىرىنى، ياشاش ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىنى بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى، تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى توغرىسىدىمۇ تارىخىي جەھەتتىنمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن.
بۇ ئۇچرىشىشتا بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەھبەرلىرى بىلەن خىتاي ئەلچىلىكىنىڭ مەسئۇللىرى ئوتتۇرا شەرقنىڭ بولۇپمۇ سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغان.
بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەھبەرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە خىتاي ئەلچىسى يۈ خوڭياڭ بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەھبەرلىرىدىن تەركىپ تاپقان ھەيئەتنى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلغان.
تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ خىتاي ئەلچىسى يۈ خوڭياڭنىڭ ھەر قايسى شەھەر باشلىقلىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىدىكى مەقسەت نېمە؟ بۇ ئۇچرىشىشلار ئارقىلىق خىتاي مۇددىئاسىغا يېتەلەمدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنىستۇتىتى تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ بۇ خىل زىيارەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتىنىڭ خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئوبرازىنى ياخشىلاش پروجېكتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ تۈركىيەدە بۇ جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 1 - 2 يىلدىن بېرى بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى تارمىقىدىكى ئالپەرەنلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى توسۇش ئۈچۈن بۇ پارتىيەگە زىيارەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
0:00 / 0:00