7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كېچىدە تۈركىيە ئارمىيىسىدىن ئۆزلىرىنى «يۇرتتا تىنچلىق كومىتېتى» دەپ ئاتىۋالغان بىر گۇرۇھ تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدە بايانات بېرىپ، تۈركىيەدە ھەربىي ئۆزگىرىش ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. كېچە سائەت 10دىن ئەتىگەن سائەت 9 غىچە داۋاملاشقان بۇ ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، كۆپ ساندا ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان،1440 كىشى يارىدار بولغان، 6000 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.
بۇ تۈركىيە تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان سىياسىي ئۆزگىرىش ۋەقەسى بولۇپ، تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدىكى بىر گۇرۇھ ھەربىي ئەمەلدەرلار بىلەن ھاۋا ئارمىيىسىدىكى قوماندانلار كېچە سائەت 10 ئەتراپىدا تانكىلار بىلەن تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىدارىسىگە بېسىپ كىرىپ، تېلېۋىزىيەدە بايانات ئوقۇتتى، ئەنقەرەنىڭ كۆلبېشى رايونىدىكى ئالاھىدە ساقچى ئىدارىسىغا ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كېلىپ، توقۇنۇشتا 14 ساقچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنغان ئۆزلىرىنى «يۇرتتا تىنچلىق كومىتېتى»دەپ ئاتىۋالغان گۇرۇھ، ئىستانبۇلدا ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرغان كۆۋرۈكنى تانكىلار بىلەن توسۇۋېلىپ خەلقنى ئۆتكىلى قويمىدى. ئەنقەرە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بىناسى بىلەن تۈركىيە پارلامېنت بىناسىغا ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن بومبا تاشلىدى.
ئۇلار ئىستانبۇل كوچىلىرىغا ھەربىي تانكىلارنى ھەيدەپ كىرىپ، ئىستانبۇل ئايروپورتىنى كونترول قىلىۋالدى.
تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا بۇنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش ئەمەسلىكىنى، بىر قىسىم «قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى» نى ئېيتتى.
تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئەينى چاغدا تۈركىيە ئىچىدىكى بىر ساياھەت ئورنىدا ئىستىراھەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ س ن ن تۈرك تېلېۋىزىيىسىگە تېلېفون ئارقىلىق بەرگەن باياناتىدا ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە خەلقنى كوچىغا چىقىپ ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارىشى تۇرۇشقا چاقىردى.
شەنبە كۈنى تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم يەنە بايانات ئېلان قىلىپ، ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىدى.
تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ خەلققە كوچىلارغا چىقىپ دېموكراتىيىگە ئىگە چىقىڭلار چاقىرىقىغا بىنائەن ئەنقەرە، ئىستانبۇل، ئىزمىر، قەيسەرىگە ئوخشاش تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدە خەلق كوچىغا چىقىپ، ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنغان كىشىلەرنى لەنەتلىدى. ئۆزلىرىنىڭ دېموكراتىيىنى قوغدىغۇچىلار ئىكەنلىكىنى جاكارلاشتى.
تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر مەيدانلاردا دېموكراتىيىگە بولغان سادىقلىقىنى ئىپادىلەشمەكتە.
تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئەپەندى 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى ئارمىيە ئىچىگە يوشۇرىنىۋالغان فەتۇللاھ گۈلەن تەشكىلاتىنىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيەدىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇ قېتىمقى ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ غەلىبە قىلماسلىقىدىكى سەۋەبنىڭ تۈركىيەدە ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
1960 - يىلى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ھەربىي ئۆزگىرىش تۈركىيە جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى تۇنجى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىيە ئارمىيىسى باش شىتابى قوماندانى ۋە ئۆز ئىچىگە ئالغان 200 ئەتراپىدا گېنېرال ۋە قوماندان ۋە ھەربىيلەر تۇتۇپ كېتىلگەن. دۆلەت رەئىسى جەلال بايار بىلەن باش مىنىستىر ئادنان مەندەرەس ھەربىي ھاكىمىيەت تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. 37 ئەسكەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. مىللى بىرلىك كومىتېتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان.
1980 - يىلى 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تۈركىيە ئارمىيىسى باش شىتابى باش قوماندانىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ئۆزگىرىش. بۇ ھەربىي ئۆزگىرىشتە سۇلايمان دەمىرەل باش مىنىستىرلىك رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى. تۈركىيە پارلامېنتى بىكار قىلىندى ۋە 1961 - يىلى قوبۇل قىلىنغان ئاساسىي قانۇن بىكار قىلىندى، ھەرقايسى پارتىيە رەھبەرلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ سوراققا تارتىلدى.
ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن 1982 - يىلى ئاساسىي قانۇنى ماقۇللىنىش، 1983 - يىلىدا سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بېرىلگەن. 2010 - يىلىدا يەنە بىر قېتىم ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن.
0:00 / 0:00