تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرى بىلەن فىنلاندىيەدىمۇ «5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

بۈگۈن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى خېلسىنكىدا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 5 - يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە خىتاينىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىشىكىگە قارا گۈلچەمبىرەك قويۇش، نامايىش ئۆتكۈزۈش مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

خىتاينىڭ ئەنقەرە گازىئوسمانپاشا مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «ئۈلكە ئوچاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ئەنقەرە شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، تەشكىلات مەسئۇلى مەمەت ئونۇر قاسىم باشچىلىقىدىكى 200 كىشىدىن تەركىب تاپقان نامايىشچى ئالدى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا قارا گۈلچەمبىرەك قويدى.

كېيىن نامايىشچىلار «ھەر يەردە ئۇيغۇر ھەر يەردە قوزغىلاڭ!»، «خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال!»، «5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇمايمىز!» دېگەنگە ئوخشاش شوئارلارنى توۋلاشتى.

ئاخىرىدا تەشكىلات رەئىسى مەمەت ئونۇر قاسىم ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغانلارنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە تۈرك ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەدىكى نامايىشتا مەمەت ئونۇر قاسىم ئەپەندى بايانات بەرمەكتە
تۈركىيەدىكى نامايىشتا مەمەت ئونۇر قاسىم ئەپەندى بايانات بەرمەكتە


5 - ئىيۇل كۈنى يەنە فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى خېلسىنكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتكە فىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن باشقا تۈركىي مىللەت تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە بەزى فىنلاندىيەلىكلەرمۇ ئىشتىراك قىلغان.

فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئوبۇل قاسىم ئەپەندى «ئەگەر، خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختاتمايدىكەن، بىزمۇ خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىشنى ھەرگىز توختاتمايمىز» دېدى ۋە نامايىش توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.