تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى يېڭى قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە دىققەت قىلماقتا

0:00 / 0:00


6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 25 - نۆۋەتلىك پارلامېنت ئومۇمىي سايلىمىدا 4 پارتىيە پارلامېنتكە كىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، 4 سىياسىي پارتىيىدىن 550 پارلامېنت ئەزاسى سايلاندى. بۇرۇنقى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ 90%تى ئالماشتى. ھازىرچە قانداق بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلىدىغانلىقى ئېنىق بولمىغان بولسىمۇ، سايلانغان 550 پارلامېنت ئەزاسى ئىچىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر بارمۇ؟

قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى قانداقبولار؟ بۇندىن كېيىن يېڭى سايلانغان پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى نېمىلەرنى قىلماقچى؟ دېگەنگە ئوخشاش سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە تۈركىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ قېتىمقى پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان مىنىستىر ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۆپىنىڭ ئالماشقانلىقىنى يېڭى سايلانغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كۆپ ساندا كىشىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىغا قايسى پارتىيە كەلسە كەلسۇن بۇندىن كېيىنكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە بولۇپمۇ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە، تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا داۋاملىق ھالدا كۈنتەرتىپكە كېلىشكە باشلىدى. تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىمۇ ھەر خىل يوللار بىلەن تۈرك پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشتى. ئۇلارنىڭ كۆپى بۇ قېتىم سايلىنالمىدى ياكى مۇددىتى توشتى. تۈركىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ قېتىمقى سايلامدا كۆپ ساندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزغان ئەپەندى پارتىيەلەرنىڭ ئىدېئولوگىيىسىگە ئاساسەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان سىياسىتىدە ئوخشىماسلىقلار ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى، ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا قورۇلىدىغان ھۆكۈمەتنىڭمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە 1946 - يىلى كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈمگە ئۆتكەن بولۇپ، ھازىرغىچە 25 قېتىم پارلامېنت ئەزاسى سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن. 2002 - يىلىدىن تارتىپ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تۈركىيە دۆلىتىنى ئىدارە قىلىۋاتاتاتتى. 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىكى سايلامدا 550 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ يېرىمى بىر پارتىيەدىن سايلىنالمىغانلىقى ئۈچۈن ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىنى يوقىتىپ قويدى.

يېڭى سايلانغان پارلامېنت ئەزالىرى قەسەم بەرگەندىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشلىقى ئەخمەت داۋۇتوغلۇغا بېرىدۇ. تۈركىيە قانۇنىغا ئاساسەن بۇ ھۆكۈمەت 45 كۈن ئىچىدە قۇرۇلۇشى كېرەك. ئەگەر 45 كۈن ئىچىدە ھۆكۈمەت قۇرالمىسا يېڭىدىن سايلام ئۆتكۈزىلىدىكەن.

ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ باشقا 3 پارتىيەگە ئورتاق ھۆكۈمەت قۇرۇش تەلىپىنى يەتكۈزىدىكەن. ھازىر تۈركىيە جامائەتچىلىكى قانداق شەكىلدە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلىدىغانلىقىنى 4 كۆز بىلەن كۈتمەكتە.