تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئاڭلاڭ بىزنىڭ پەريادىمىزنى» ناملىق پائالىيەتتە 30 مىڭ كىشى ئىمزا قويدى

0:00 / 0:00

رامىزان ئېيى جەريانىدا تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈن تەرتىپىدىكى بىرىنچى مەسىلىسىگە ئايلىنىشى بىلەن تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ پەريادىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى باشلاتقان ئىدى. بۇلاردىن بىرى دۇنيا تۈركىستانلىقلار تەشكىلاتىدۇر. بۇلار 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى «ئاڭلاڭ بىزنىڭ پەريادىمىزنى» ماۋزۇلۇق ئىمزا يىغىش پائالىيىتى باشلاتقان ئىدى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئەنقەرەنىڭ مەركىزىدىكى ئابدى ئىپەكچى باغچىسى، قىزىلايدىكى گۈۋەن باغچىسى ۋە ئۇلۇس مەيدانىدا مەخسۇس بۆلۈم ئېچىپ 30 مىڭ ئەتراپىدا ئىمزا توپلىغان.

دۇنيا تۈركىستانلىقلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ ئاقيول ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ قېتىمقى ئىمزا يىغ
ئابدۇللاھ ئاقيول ئەپەندى، بۇ ئىمزا يىغىش پائالىيىتىنى باشلىتىشتىكى مەقسەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بەھرىمەن بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش، تايلاندتىكى تۈرمىلەردە تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بىز قول قويۇۋاتقان تۈركلەرگىمۇ مىكروپونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇلار ھەممە بىردەك ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە قاتتىق ئېچىنىۋاتقانلىقىنى ئۇلارنى قوللاش ئۈچۈن قول قويغانلىقىنى ئېيتىشتى.

ىش پائالىيىتىگە تۈرك خەلقىنىڭ قىزىقىشى بەك يۇقىرى بولۇپ، ھازىرغىچە ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ھەر قايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئاممىدىن بولۇپ 30 مىڭ ئەتراپىدا كىشى قول قويغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە توپلانغان ئىمزانى تۈركىيە ھۆكۈمىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا ئەلچىلىكىگە بېرىدىكەن. ئاخىرىدا تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئىنسان ھەق - ھوقۇقلىرى سوتىدا خىتاينى سوتقا بېرىدىكەن.

بىز ئىمزا يىغىۋاتقان نەق مەيدانغا بېرىپ، تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللاھ ئاقيول ئەپەندى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ قول قويۇۋاتقان كىشىلەرگە مىكروپونىمىزنى ئۇزاتتۇق.