تۈركىيە ھۆكۈمىتى يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارغا ئىقامەت بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى رەسمىي ھۆججەت تارقىتىپ ئىقامىتى يەنى تۈركىيەدە تۇرۇش مۇددىتى توشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقامىتىنى ئۇزارتىپ، ئىقامىتى يوق ئۇيغۇرلارغا ئىقامەت بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2012-يىلى تۈركىيە باش مىنىستىرلىق ئىدارىسى تارقاتقان ھۆججەتكە بىنائەن كۆپ ساندا ئۇيغۇرغا ئىقامەت يەنى تۈركىيەدە تۇرۇش كىنىشكىسى بېرىلگەن ئىدى. بىر يىللىق بېرىلگەن بۇ ئىقامەتنىڭ مۇددىتى 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى توشقان ئىدى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقامەت ۋاقتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئىلتىماس سۇنغان بولۇپ، مەزكۇر ئىلتىماس تەستىقلانغان.

بۇ ھۆججەتكە ئاساسلانغاندا، ئىقامىتىنىڭ ۋاقتى توشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقامىتى ئۇزارتىلغاندىن سىرت، 4-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن بۇرۇن ۋىزا ئېلىپ قانۇنىي يوللار بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىگە تۈركىيەدە تۇرۇش كىنىشكىسى بېرىلىدىكەن. ھازىر تۈركىيەدە تۇرۇش رۇخسىتى يوق ئۇيغۇرلار 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە ئۆزى بىۋاسىتە ئەنقەرە، ئانتالىيە، بۇرسا، ئىستانبۇل، ئىزمىر، قەيسەرى، دۈزجە، كونيا، يالوۋا، قوجائېلى، تەكىرداغ ۋە ساكاريا ۋىلايەتلىرىدىكى ساقچى ئىدارىسىنىڭ چەتئەللىكلەر باشقارمىسىغا بېرىپ ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

ئىشەنچىلىق يەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن 8000 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنى تۈرك پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلغان ۋە كۆپ ساندا ئۇيغۇرغا ئىقامەت بەرگەن.