0:00 / 0:00
تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي ئىراقنىڭ موسۇل ۋىلايىتىگە ئەسكەر ئەۋەتىشى ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان.
تۈركىيە بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتى كۈنسايىن جىددىيلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، 10-دېكابىر كۈنى تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراققا ئارمىيە ئەۋەتىشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە سۈرىيە مەسىلىسى سەۋەبلىك تۈركىيەنىڭ رۇسىيەگە بولغان نارازىلىقىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا ئىزاھات بەرگەن. ئۇنداقتا تۈركىيەنىڭ ئىراققا ئارمىيە ئەۋەتىشىنى قانداق چۈشىنىشى مۇمكىن؟ بۇ ھەقتە توختالغان كۆزەتكۈچىلەر، تۈركىيەنىڭ ئەزەلدىن ئىرقىنىڭ شىمالىدا ھەربىي مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.
پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.