تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك نامزاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى قاراشلىرى
2014.07.31
2014 - يىلى 10 - ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى تۈركىيە خەلقى جۇمھۇر رەئىسىنى سايلاپ چىقىدۇ، تۈركىيىدە ھازىرقى باش مىنىستىر ئەردۇغان ۋە سابىق ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسىلىك نامزاتلىرى بولۇپ ئېلان قىلىندى. بۇ ئىككى رەقىپ رەھبەر ھازىر تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ ئۆزلىرىگە بىلەت تاشلاش ئۈچۈن خەلق ئاممىسىغا نوتۇق سۆزلىمەكتە. بۇ ئىككى رەھبەرنىڭ قايسىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى بولۇپ ئۇتۇپ چىقىشىنى تۈركىيە خەلقى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق بەلگىلەيدۇ.
تۈركىيىدە 8 چوڭ پارتىيە بولۇپ، بۇ پارتىيىلەردىن ھازىرقى ھۆكۈمەتنى باشقۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى جۇمھۇر رەئىسلىككە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننى نامزات قىلىپ كۆرسەتتى. مۇخالىپ ئۆكتىچى پارتىيىلەردىن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى بىلەن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى بىرلىكتە ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلىنى نامزات كۆرسەتتى. كۈرتلەرنىڭ پارتىيىسى بولغان تىنچلىق ۋە دېموكراتىيە پارتىيىسى بولسا سالاھىددىن دېمىرتاشنى نامزات كۆرسەتتى. باشقا پارتىيىلەر ھازىرغىچە كىمگە بېلەت تاشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.
ھازىر تۈركىيىدە جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلىنىدىغان ئەڭ كۈچلۈك رەقىپلەر رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان بىلەن ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلى بولۇپ بۇ ئىككىسى نوتۇقلىرىدا بىر - بىرىگە قارشى باياناتلار ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىككە نامزات كۆرسىتىلگەن بۇ ئىككى رەھبەر ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق قارايدۇ؟ ئۇلارنىڭ نۇتۇق ۋە باياناتلىرىدىن، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغان ۋە ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
يېقىندا رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان روزا ھېيىت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان بايرام تەبرىكلەش سىنئالغۇسىدا ئۇيغۇرلارنىمۇ تىلغا ئالدى ۋە ھەر زامان زۇلۇمغا ئۇچرىغان قېرىنداشلارنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلى بولسا بىر تەرەپىتىن ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشتە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننىڭ باشقۇرۇشىدىكى ھۆكۈمەتنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىك بىلەن تەنقىد قىلدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ لىدەرى رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەرمىگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.
ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلى بىر مۇخبىرنىڭ مىللەتپەرۋەرلىك ۋە تۈرك دۇنياسى مەسىلىلىرىگە قانداق قارايسىز دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن مىللەتپەرۋەرلىك توغرىسىدا مەرھۇم جالال بايارنىڭ سۆزىنى خاتىرىلىتىشنى خالايمەن. مىللەتپەرۋەرلىك ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىدۇ، ئەمما تىلغا ئېلىنمايدۇ. تىلغا ئېلىنغان ھامان ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدۇ. مەن يوزغاتلىق، مېنىڭ ئانام رودوسلۇق تۈرك، ئۇ يەر ئىلگىرى تۈرك زېمىنى ئىدى، كېيىن ئىتالىيىنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىن يۇنانىستان زېمىنى بولدى. مېنىڭ ئانامنىڭ ئائىلسى مەجبۇرىي ھالدا ئۇ يەردىن كۆچۈپ كەلدى. مەن ھاياتىم بويىچە تۈركچىلىك قانداق بولىدىغانلىقىنى، تۈركچىلىكنىڭ سەزگۈر تەرەپلىرىنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ تەجرىبىگە ئىگە بولغان بىر ئىنسانمەن. ئەڭ ئاخىرىقى ۋەزىپەمدە يەنى دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋاقتىمدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى مۇداپىئە قىلىدىغان خەلقئارالىق تەشكىلات بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىرخانىم بىلەن ئۇچراشتىم. رابىيە قادىرنىڭ تۈركىيىگە كېلىشى چەكلەندى. مەن ئۇنى ئىزدەپ تاپتىم، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتىم ۋە ئۇنىڭغا دەستەك بەردىم. مەن قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىگە باردىم، خىتايلار بىلەن چوڭ كۈرەش قىلدىم، مەن ھاياتىم بويىچە سۆۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئۇلارنىڭ قول ئاستىدا ياشىغان تۈركلەرنىڭ دىنىي بىلىم ئېلىشى ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم. ئەمما يەنە شۇنى تەكىتلەيمەنكى، بىر ئىش قىلايلى، ئەمما تىلغا ئالمايلى.»
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەخسۇس ھەيئەت ئەۋەتىپ ئۈرۈمچى ۋەقەسى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىدى.
جۇمھۇر رەئىسى نامزاتى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان روزا ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن بايرامنى تەبرىكلەپ ئېلان قىلغان تېلېۋىزىيە نۇتىقىدا ئۇيغۇر، سۈرىيە ۋە پەلەستىن خەلقىنىمۇ تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «رامىزان يەنە بىر قېتىم بىزنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكىمىزنى، مىللەتلەر ئارا تەقدىرداش ئىكەنلىكىمىزنى، قوشنالار، دوستلار ۋە توغقانلار بىلەن ئەڭ مۇھىمى ئىسلام جۇغراپىيىسدىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن نېنىمىزنى بۆلۈشتۇق، دوستىخاننى ئورتاقلاشتۇق، ئەڭ مۇھمى بولسا بىر - بىرىمىز بىلەن يېقىن بىر ھەمكارلىق ئىچىدە بولدۇق. ئۈرۈشتىن، زۇلۇمدىن بومبىلاردىن قېچىپ ۋەتىنىمىزدە پاناھلانغان سۈرىيىلىك قېرىنداشلىرىمىز ھەر جەھەتتە مۇھاجىر - ئەنسار چۈشەنچىسى بويىچە قارشى ئېلىندى. رامىزاندا يېقىن ئەتراپتىكى مۇھتاج كىشىلەرگە ئىگە چىققان ئەزىز مىللىتىمىز، سۈرىيە، غەززە، تالەفە، شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق باشقا ئۆلكىلەرگە يوقسۇل، نامراتلىقتىن قىيىنچىلىققا ئۇچىرىغان قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قولىمىزنى سۇندۇق. رامىزان ئېيىدا ئىسلام جۇغراپىيىسىنىڭ پۈتۈن رايونلىرىدا بىرلىك - باراۋەرلىك مۇھىتى بەرپا بولدى، ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن بۇ مۇبارەك رامىزان ئېيىدا ئىسلام جۇغراپىيسىنىڭ بەزى رايونلىرىدا دەرد - ئەلەم ۋە پەريادلار كەم بولمىدى. خۇسۇسەن غەززىدىن ئاڭلانغان پەريادلار يۈرەكلىرىمىزنى ئېچىشتۇردى. تارىخ بويىچە ھەر زامان زالىمنىڭ قارشىسىدا، مەزلۇمنىڭ يېنىدا سەپ تۇتقان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، غەززىدىكى قەتلىئاملارغا قارشى سۈكۈتتە تۈرمىدۇق، ھەر زامان، ئادالەت، ھەقىقەت ۋە تىنچلىق تەرەپدارى بولدۇق. ئەزىز مىللىتىمىز ئۆز ئىچىمىزدە، ئادالەت، ئەركىنلىك ۋە تىنچلىق خالىغانغا ئوخشاش ئەتراپتىكى رايونلار ئۈچۈنمۇ ھۇزۇر، ئادالەت، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە خالايدۇ. ئۆزىمىز خالىغاننى ئەتراپتىكى رايونلارغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا يېيىشنى داۋام قىلىمىز. تۈركىيە ھازىر بۇرۇنقى تۈركىيە ئەمەس، تۈركىيە ئەمدى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ناھەقچىلىككە كۆز يۇمىدىغان تۈركىيە ئەمەس.»
ئېھسانئوغلى: تۈركىيە رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيىگە كېلىشىگە روخسەت قىلىشىمىز لازىم
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى نامزاتى ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلى بىر قېتىملىق نۇتىقىدا، تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىم ئاستىدا قالغان مۇسۇلمانلارغا قارىتا سۈكۈتتە قالغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «رابىيە قادىر قادىر خانىمنىڭ تۈركىيىگە كېلىشىگە روخسەت قىلىشىمىز كېرەك، مىسىردىكى رابىيەگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز بەك توغرا، ئەمما تۈرك رابىيەگىمۇ كۆڭۈل بۆلىمىز» دېدى.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك نامزاتى ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلى سۆزىدە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەنلىكىنى ۋە تۈركىيىنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇ يەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىدە يالغۇز قالغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئېھسان ئوغلى: دۇنيادا ئەڭ ئېغىر زۇلۇم شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتىدۇ
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك نامزاتى ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلى ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇم توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيادا ئەڭ قىيىن شەرتلەر ئاستىدا، ئەڭ ئېغىر زۇلۇم ۋە ئەڭ چىدىغۇسىز بېسىم شەرقىي تۈركىستاندادۇر. بۇنىڭ دۇنيادا بىر ئۆرنىكى يوق، بىر پەلەستىن، بىر شەرقىي تۈركىستان بار. بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئەڭ ئاساسى ئەسەرلىرىنى يازغان مەھمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىلىرى ئۇ يەردە. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، مەن بۇ مەسىلىدە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىمنى ئېلان قىلسام، جامائەت ئوتتۇرىسدا كۆپ ساندا كىشىلەرنىڭ يۈزى قىزىرىدۇ. ئىسلام دۇنياسىدا كۆپ ساندا ئىسلام نامىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلارنىڭ قانچىلىك سەمىمىي ئەمەسلىكىنى چۈشىنىپ يېتىسىلەر.»
ئېھسانئوغلى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىرخانىمغا ۋىزا بەرمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن شۇنى سورايمەنكى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ لىدەرى رابىيە قادىرخانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ لىدەرى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىندىن كېيىن دۇنيادا ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوبۇل قىلىنغان مۇھتەرەم لىدەرىدۇر. نېمە ئۈچۈن بىز ئۇنى كۆرۈشنى خالايمىز، ئەمما تۈركىيىدە كۆرەلمەيمىز؟ نېمە ئۈچۈن بۇ يەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار لىدەرلىرى بىلەن بۇ يەردە ئەمەس، ياۋروپادا كۆرۈشىدۇ؟ بۇنىڭغا بىر چۈشەنچە بېرىلىشى كېرەك!.
ئەردۇغان: بىز ھازىرغىچە نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغان بىر ھۆكۈمەت
مۇخالىپ پارتىيىلەر تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك بىلەن تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتقان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ھازىر جۇمھۇر رەئىسى نامزاتى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان مۇخالىپلارنىڭ تەنقىدلىرىگە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز ھازىرغىچە نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ۋەتەنداشلىق يەنى تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغان بىر ھۆكۈمەت بىز.»
رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان سۆزىدە يەنە مۇخالىپ پارتىيىلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتكە بارمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە ئۆزىنىڭ شۇنداقلا بىر قانچە مىنىستىرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتكە بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز دۆلىتىمىزگە كېلىشنى خالىغان پۈتۈن ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قۇچاق ئاچتۇق ۋە ئۇلارغا ئىگە چىقتۇق.
ئەردۇغان سۆزىدە يەنە تۈركىيىگە كېلىشنى خالىغان پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا قۇچاق ئاچقانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بىز دۆلىتىمىزگە كېلىشنى خالىغان پۈتۈن ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قۇچاق ئاچتۇق ۋە ئۇلارغا ئىگە چىقتۇق.»
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى نامزاتلىرىنىڭ ھەر ئىككىسى ئۇيغۇرلارنى ياخشى بىلىدىغان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە قارايدىغان رەھبەرلەر ئىكەن.