تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل كان پاجىئەسى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي زىيارىتىنى بىكار قىلدى

0:00 / 0:00

سوما كۆمۈر كان قازاسى پۈتۈن تۈركىيەنى ماتەمگە چۆمدۈردى. تۈركىيە، سوما كۆمۈر كان پاجىئەسىگە كۆز يېشى تۆكمەكتە.

13-ماي كۈنى تۈركىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىي رايونىغا جايلاشقان مانىسا ۋىلايىتىنىڭ سوما ناھىيىسىدىكى كۆمۈر كاننىڭ ئىچىدە ئوت كېتىش ئاپىتى يۈز بېرىپ 282 ئىشچى قازا تاپتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىر قاتار دىپلوماتىيىلىك سەپەرلەرنى بىكار قىلغان ياكى كېچىكتۈرگەن بولۇپ، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئابدۇللا گۈل خىتايغا بولغان رەسمىي زىيارىتىنى بىكار قىلدى. ئەسلى بۇ، تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ سىياسىي، سودا-ئىقتىسادىي ۋە باشقا تۈرلۈك مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم زىيارەت، دەپ قارالغان ئىدى.

ئابدۇللا گۈل 5‏-ئاينىڭ15-كۈنى بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرماقچى ئىدى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى مەزكۇر كان پاجىئەسى مۇناسىۋىتى بىلەن،تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ ئالبانىيەگە ئېلىپ بارىدىغان رەسمىي زىيارىتىنى بىكار قىلىپ، سوما كۆمۈر كانىغا بېرىپ يېقىنلىرى قازا تاپقان كىشىلەرگە سەۋر-تاقەت تىلىدى.

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئابدۇللا گۈل بايانات بېرىپ بۇنداق ۋەقەنىڭ تۈركىيەدە يۈز بەرمەسلىكى كېرەك بولغان ۋەقە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ناھايىتى زور بىر پاجىئەگە دۇچار بولدۇق. قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ئىزچىل ھالدا داۋاملاشماقتا. دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن ئىمكانلىرىنى سەپەرۋەر قىلدۇق. بىز بۇ ئېغىر كۈنلەرنى يېڭىش ئۈچۈن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بۇ خىل پاجىئەلەرنىڭ ئالدىنى قانداق ئالغان بولسا بىزمۇ شۇنى قىلىشىمىز كېرەك. بۇ خىل قازالارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك بولسا دەرھال شۇنى قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. ئەگەر سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلەر بولسا ئۇنى تېپىپ چىقىپ قانۇن بويىچە جازالىنىدۇ.»

13-ماي كۈنى تۈركىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن پۈتۈن تۈركىيە ماتەمگە چۆمدى. تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلىرىدىن 500 قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئاپەت رايونىدا قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشماقتا. پۈتۈن تۈركىيەدە تۈرك بايرىقى يېرىم چۈشۈرۈلدى.

باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 14-ماي كۈنى ئاپەت رايونىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، كۆمۈر كان ئاپىتىدە زىيان كۆرگەن كىشىلەرگە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ھازىر تۈركىيە مىقياسىدا قازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا مەنىۋى ۋە ماددىي ياردەملەرنى كۆرسىتىش، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاممىۋى خەيرخاھلىق پائالىيەتلىرىمۇ باشلىنىپ كەتكەن.

شۇ قاتاردا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ۋەقەدە قازا قىلغانلار ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا بولغان كۆڭۈللىرىنى ئىزھار قىلىشماقتا.

قەيسەرىدىكى شەرقى تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە باشقا جەمىيەتلەرمۇ بىر قاتار پائالىيەتلەرگە تەييارلىق قىلماقتا. بۇ ھەقتە سېيت تۇمتۈرك ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەسى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەئىسى كەمال قىلىچتاروغلۇ ئاپەت رايونىغا بېرىپ ئاپەتتە زىيانغا ئۇچرىغان كىشىلەردىن ھال ئەھۋال سورىدى، كۆمۈر كاننىڭ ئىچىدە قالغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كۆزدىن كۆچۈردى.

ئىككى كۈندىن بېرى ئاپەتكە ئۇچرىغان كاندا قۇتقۇزۇش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىۋاتقان تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى تانەر يىلدىز ئەپەندى بۈگۈن چۈشتە، يەنى 15-ماي كۈنىگىچە كۆمۈر كان قازاسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان 282 كىشىنىڭ مېيىتىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«تۈنۈگۈن يېرىم كېچىگىچە بولغان ئارىلىقتا قازا تاپقان 282 ئىشچىنىڭ مېيىتىنى تېپىپ چىقاردۇق. 217 ئىشچىنىڭ جەسىتىنى ئائىلىلىرىگە تاپشۇرۇپ بەردۇق. بىز بۇ كۆمۈر كان قازاسىدا ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمىز. چۈنكى تېخىغىچە قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ خادىملىرى كىرەلمىگەن كانلار بار.»

تۈركىيە دۇنيادا ئەڭ كۆپ كۆمۈر كان قازاسى يۈز بېرىدىغان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، كېيىنكى 30 يىل ئىچىدە چوڭ كىچىك بولۇپ، 15 قېتىم كۆمۈر كان ۋەقەسى مەيدانغا كەلگەن. 13-ماي كۈنى سومادا مەيدانغا كەلگەن ھادىسە 30 يىلدىن بېرى مەيدانغا كەلگەن قازالار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى ھېسابلىنىدىكەن.