ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ قوللىشى ۋە جەنۇبىي كورىيەنىڭ گيىئوڭجۇ شەھىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تۈركىيىدە تۇنجى قېتىملىق «ئىستانبۇل - گيىئوڭجۇ دۇنيا مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى 2013» نامدا كورىيە مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ ئېچلىش مۇراسىمى 31 - ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى ئىىستانبۇلنىڭ سۇلتان ئەخمەت مەيدانى ۋە ئەمىنۈنۈ مەيدانىدا ئېچىلدى.
ئېچلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان، كورىيە باش مىنىستىرى جۇڭ خۇڭ ۋون، ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى قادىر توپپاش، ئىستانبۇل ۋالىيىسى ھۆسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ، گيىئوڭجۇ ۋالىيىسى كىم گۋون يوڭ، گيىئوڭجۇ شەھەر باشلىقى چو ياڭ سىك، تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئۆمەر چېلىك قاتارلىق مۇھىم شەخسلەر شۇنداقلا تۈرك ۋە كورىيە خەلقى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

كورىيە مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۈچۈن 40 مىڭ كورىيەلىكنىڭ ئىستانبۇلغا كېلىدىغانلىقى، تۈركىيىنىڭ 35 ئورۇندا 28 تۈرلۈك پائالىيەت ئۇتكۆزۈلىدىغانلىقى، بۇ پائالىيەتنىڭ 31 - ئاۋغۇستتىن 22 - سىنتەبېرگىچە داۋام قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنى رەسمى تور بېتىدە يېزىلىشىچە، تۈركىيە بىلەن كورىيە مۇناسىۋىتى 1949 - يىلى تۈركىيە كورىيەنى مۇستەقىل بىر دۆلەتپ دەپ ئېتىراپ قىلىش بىلەن باشلانغان بولۇپ 1952 - يىلىدىكى كورىيە ئۇرۇشىغا تۈركىيە ئەسكەر ئەۋەتىپ كورىيىگە ھەربىي جەھەتتە ياردەم قىلغان. 1957 - يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىيە مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان. تۈركىيە بىلەن كورىيە ئوتتۇرىسىدا ھازىرغىچە ھېچ قانداق سىياسىي مەسىلە يۈز بەرمىگەن.
كورىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان تۈركلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر ھەربىي گېنىرال مەھمەت رىزا بېكىنمۇ قاتناشقان ۋە ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسىتىپ ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىكەن. بىز بۇ ھەقتە مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن مەرھۇم ئۇيغۇر گېنىرال مەھمەت رىزابېكىننىڭ يېنىدا ئۇز يىل خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئېچلىش مۇراسىمىدا باش مىنىستىر ئەردۇغان سۆز قىلىپ، كورىيە بىلەن تۈركىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا تۇتىشىدىغانلىقىنى، تۈركلەر بىلەن كورىيەلىكلەرنىڭ كۆكتۈرك ئىمپىراتۇرلۇقى دەۋردىن باشلاپ ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، يىپەك يولىنىڭ بىر ئۇچى كورىيەنىڭ گىيئوڭجۇ شەھىرىدىن باشلىنىپ ئىستانبۇل ئارقىلىق غەرپكە تۇتاشقانلىقىنى يىپەك يولى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودا - تىجارەت مۇناسىۋەتنىڭ تارىختىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكىنى ۋە ھازىرمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
باش مىنىستىر ئەردۇغان سۆزىدە يەنە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق مەدەنىيەت تۇنۇشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.