تۈركىيەدىكى مەتبۇئاتلار ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە كۆپ ئورۇن بەرمەكتە

0:00 / 0:00


ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە ئەگىشىپ، تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا ھەر كۈنى دېگۈدەك خەۋەر، ماقالە ۋە ئوبزورلار ئېلان قىلىنماقتا. تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن نامايىش، يىغىن، مۇراسىم قاتارلىق ھەر خىل يىغىلىشلار ئۆتكۈزۈلۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە نارازىلىق كۈچەيمەكتە.

يېقىندىن بۇيان تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى مەتبۇئاتلىرىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئۇچۇر، ماقالە ۋە ئوبزۇرلار ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ، تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار مەخسۇس پروگرامما تارقىتىلىۋاتىدۇ.

ئۇيغۇر زىيالىي دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار، تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى «ت ر ت تۈرك» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ دۇنيا كۈنتەرتىپى دېگەن پروگراممىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا رىياسەتچىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى ۋە 28 - ئىيۇل يۈز بەرگەن يەكەن ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى توغرىسىدا توختالدى.

«قانال ئا» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر پروگراممىغا قاتناشقان ھاجاتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شۇنداقلا ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى توغرىسىدا تەپسىلى ۋە ئەتراپلىق توختالدى.

«ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندى»نىڭ رەئىسى بۇلەنت يىلدىرىم ئوخشاش ۋاقىتتا 15 تېلېۋىزىيە قانىلىدا نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلغان پروگراممىغا قاتنىشىپ پەلەستىن ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى.

«ھىلال» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەخ مەيداندىن بىۋاستە تارقاتقان پروگراممىغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندىلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ھەر خىل پاجىئەلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم ۋە تۇتقۇن قىلىشلار شۇنداقلا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختالدى.

دېمەك تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان نارازىلىق نامايىش، يىغىن، مۇراسىم، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى مەتبۇئاتلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىۋاتقان نوقتىلاردىن بىرى بولۇپ قالدى.

بۈگۈن تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا يېقىندا خىتاي دائىرلىرىنىڭ 8 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىجرا قىلغانلىقى ۋە قەشقەر ھېيىتگاھ جامئىسىنىڭ ئىمامى جۈمە قارىغۇنى ئۆلتۈرگەن ياشلارنىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىشى مۇھىم تېمىلار قاتارىدا كەڭ تارقىتىلدى.

بۈگۈن«يېڭى ئاكىت» ۋە «يېڭى شافاك» گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنغان «8 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى» دېگەن ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: خىتاينىڭ ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش نامدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە تۇتۇلغان ئۇيغۇرلاردىن 8 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى.

ماقالىدە 8 ئۇيغۇرنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ۋە ئۇلارغا ئارتىلغان ئاتالمىش جىنايى قىلمىشلار تەپسىلى يېزىلغان ۋە خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مۇسۇلمانلارغا قارىتا بېسىم ۋە زۇلۇمنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى، تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش دېگەن باھانىلار بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى ئەيبلەنگەن.

ماقالىدە، خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ قاچان ئىجرا قىلىنغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىگەنلىكى، ئۇيغۇر دىيارىدا 6 - ئايدا 13 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قاتارلىق ھەر قايسى جايلاردا يۈز بېرىۋاتقان پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋە بومبا پارتىلاش ۋەقەلەرنى خىتاي دائىرىلىرى بىۋاسىتە ئاتالمىش رادىكال گۇرۇپىلارغا باغلايدۇ ئەمما بۇ توغرىدا ئۇچۇق ۋە تەپسىلى مەلۇمات بەرمەيدۇ. خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىپ، قاتتىق زەربە بېرىش دېگەن نامدا جىددى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. كىشىلەرنى بۆلگۈنچى دەپ قارىلاپ تۇتقۇن قىلىش ۋە سوتقا تارتىش قىلىشلىرىنى خەلق ئاممىسىدىن يوشۇرىدۇ، پەقەت بېرىلگەن جازانى دۆلەت تەۋەسىدىكى رەسىمى ئاخباراتلار ئارقىلىق ئېلان قىلىدۇ.

«گۈنەش» گېزىتىدە بۈگۈن ئېلان قىلىنغان «نېمە ئۈچۈن داۋاملىق مۇسۇلمانلار ئۆلىدۇ؟» دېگەن ئوبزوردا مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي كوممۇنىست دائىرلىرى، شەرقىي تۈركىستاندا نەچچە يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان قىيىن - قىستاق ۋە بېسىمنى بىر يىلدىن بۇيان تېخىمۇ تېزلەشتۈردى. ئەمما بۇ زۇلۇم ۋە قىيىن - قىستاقلار ھازىرغىچە دۇنيا جامائىتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلمىدى.

ئوبزورچى مەمىش خوجا ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ ئوبزوردا، نېمە ئۈچۈن خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا بۇ خىل زۇلۇم قىلىدۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: چۈنكى خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى خالايدۇ، ئۇ يەردە ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش، ساقال قويۇش ۋە بېشىغا ياغلىق ئارتىشنى خالىمايدۇ ۋە چەكلەيدۇ، يەنى دىنى ئىبادەت قىلىش بىلەن ياشاشنى خالىغان، ئاللاغا قۇللۇق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشنى خالىغان مۇسۇلمانلارنى تەھدىت دەپ قارايدۇ.

تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا خىتايغا بولغان نارازىلىقلارنىڭ بىر تۈرى بولسا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەقەلەردىن ھەقىقى تۈردە توغرا ۋە ئېنىق شەكىلدە ئۇچۇر ئالالمىغانلىقى بولۇپ، خىتاينى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇش بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمۇسى ئىستانبۇل 1 - نومۇرلۇق شۆبىسىنىڭ رەئىسى مۈرسەل تۇرباي ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: خىتاي باستۇرۇش سىياستى يۈرگۈزۈۋاتقان شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى كېسىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ يەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكى توغرىدا ھېچ قانداق مەلۇمات ئالالمىدۇق. نەچچە يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئەمما رامىزان ئېيىدىن بۇيان تېخىمۇ چېكىدىن ئاشقان خىتاي زۇلۇمى قەتلىئامغا ئايلاندى.

مۈرسەل تۇرباي ئەپەندى تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: تۈركىيە قېرىنداش جۇغراپىيىدە داۋام قىلىۋاتقان بۇ زۇلۇمغا قارىتا سۈكۈتتە قالالمايدۇ. دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلەرنى ئىشقا سېلىشى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلەرنى بىكار قىلىش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى بولمىغان تەقدىردىمۇ تەرەپ تۇتۇش مەيدانىنى كۆرسىتىدۇ. دۇنيادا ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادلىق دۆلەتتىن بىرسى بولغان خىتاينىڭ دۇنيانى قاپلاپ كەتكەن ساختا ماللىرىغا قويۇلىدىغان ئىمبارگۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىلىرىنىڭ بىر تۈرى بولالايدۇ.

ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلىرىدىن تەركىپ تاپقان تۈركىيە ھۈنەرۋەن - كاسىپلار كونفېدراتسىيەسى (TESK)، تۈركىيە سودا - سانائەت ۋە پاي - چېكى بازارلىرى بىرلىكى ( TOBB)، تۈركىيە ئەمگەكچىلەر ئۇيۇشمىسى كونفېدراتسىيەسى (TİSK)، ئىشچى ھوقۇقلىرى ئۇيۇشمىسى، مۇستەقىل سودا - سانائەتچىلەر جەمئىيىتى، تۈركىيە ئېكىسپورتچىلار مەجلىسى ۋە تۈرك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق 10 چوڭ تەشكىلات ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئاخبارات يىغىنى ئېچىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بىز، تۈركىيە خەلقى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى پىكىر - قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي ئابدۇرېشىت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇرېشىت ئەپەندى تۈركىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.