4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىدا تۈركىيەگە كىرىشنى كۈتۈپ تۇرغان 35 ئۇيغۇرنىڭ تىراگېدىيەسى تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ - كۆلەمدە ئورۇن ئالغان ئىدى. بۈگۈن بۇ ئۇيغۇرلار ياردەم سۆيەر تۈركلەرنىڭ غەمخورلۇقىدا خۇشال - خورام ياشىماقتا.
ئۇلار تۈركىيە زېمىنىگە ئاياق باسقاندىن كېيىن بىر قانچە ئايال يەڭگىپ ئۇلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپەيگەن. بۇلارغا ياردەم قىلىۋاتقان پەرىخان دۇرماز خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار 35 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىستانبۇل ئايرودرومدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان 4 - 5 ئايال بىرلىكتە ئايرودرومغا بېرىپ 35 ئۇيغۇرنى تاپقان. ئۇلار بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى كۆرگەندىن كېيىن ئىجتىمائى تاراتقۇلار ئارقىلىق ياردەم دولقۇنى قوزغىغان. تۈركىيەنىڭ ھەر يېرىدىن ياردەم بويۇملىرى كەلگەن، ئىككى قات ئاياللارنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تۇغدۇرغان. بۇ ئۇيغۇرلار ھازىر ھەر جەھەتتىن نورمال بىر ھايات كۆچۈرۈشكە باشلىغان.

پەرىخان خانىم بۇ ئۇيغۇرلارنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن ۋاقتىدىكى ھېسسياتىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:
- مەن تۇنجى قېتىم ئۇلارنى كۆرگەن ۋاقتىمنى ئاڭلىتىشنى خالىمايمەن، چۈنكى بەكلا ئازاپلاندىم. بىر يوتقاننىڭ ئۈستىدە 20 كۈن بۇرۇن يەڭگىگەن بىر ئايال، ئۆيدە يەنە 4 بالا بار ئىدى. ئۆينىڭ ئاشخانىسىغا كىرسەم ھېچقانداق نەرسە يوق ئىدى. قازان - قومۇش ھەتتا سۇ ئىچىدىغان ئىستاكانمۇ يوق ئىدى. ھەممىسى بەكلا ئەنسىز ئىدى. ساقچى ئىدارىسىدىكى رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىپ بېرەيلى دەپ پاسپورتلىرىنىڭ كوپىيەسىنى تەلەپ قىلساق بېرىشنى خالىمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز بۇلارغا ماددى جەھەتتىن ياردەم قىلىشنى قارار قىلىپ، ياردەم دولقۇنى قوزغىدۇق، ياردەم يېغىپ كەتتى. ھازىر ھەممە نەرسىسى بار، كېسەل بولۇپ قالسا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىۋاتىمەن، بىر قانچە ئايال يەڭگىدى، يەڭگىش ئالدىدا تۇرغانلار بار. بىز بۇلارنىڭ تۈرك پۇقرالىقىغا ئۆتۈشى ئۈچۈنمۇ قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز.


بىز مۇساپىر ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇلار تۈركلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم قىلغانلىقىنى، ھازىر تۈركىيەدە تۇرۇش كېنىشكىسىدىن باشقا ھەممە نەرسىسىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلدى.