بۇندىن 5 كۈن بۇرۇن ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ چوڭ مەيدانلىرىدىن بىرى بولغان تەقسىم مەيدانى يېنىدىكى گەزى باغچىسىنىڭ ئىچىدىكى دەرەخلەرنى قومۇرۇپ تاشلاپ ئورنىغا تىجارەت مەركىزى سېلىش پىلانىغا قارشى نامايىش باشلانغان ئىدى.
3 كۈندىن بېرى نامايىشچىلار بىلەن خەۋپسىزلىك خادىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش داۋام قىلىۋاتاتتى. ئەمما تۈنۈگۈن ساقچىلار نامايىشچىلارنىڭ تەقسىم مەيدانىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلدى. كېيىن بۇ نامايىش تۈركىيىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا يېيىلدى. تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرە، ئىزمىر، بۇرسا، ئىستانبۇل، گازىئانتېپ، ئىزمىت، قوجائېلى قاتارلىق جايلىرىدىمۇ داۋاملاشتى. نامايىشچىلار ئەنقەرەنىڭ مەركىزىدىكى قىزىلاي مەيدانىغا يىغىلدى. خەلق بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا كۆپ ساندا كىشى يارىدار بولدى. ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدىكى نامايىش ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا. بەزى مۇتەخەسسىسلەر باغچىدىكى دەرەخلەرنىڭ قومۇرىلىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ئىكەنلىكىنى، بۇلارنى تۈركىيىدىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ كۈشكۈرتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
تۈركىيىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 5 كۈندىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان بۇ نارازىلىق نامايىشى جەريانىدا 939 ئەتراپىدا كىشى تۇتقۇن قىلىنغان، 79 ئەتراپىدا كىشى يارىدار بولغان، يارىدار بولغان كىشىلەر ئارىسىدا خەۋپسىزلىك خادىملىرىمۇ بار ئىكەن. بۇ ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىشنى خالىسىڭىز ئەركىن تارىم تەييارلىغان مەخسۇس پروگراممىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00