ئىستانبۇلنىڭ تەقسىم مەيدانىدىكى گېزى باغچىسىدىكى دەرەخنى قومۇرۇپ تاشلاپ ئورنىغا بىنا سېلىش قارارىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن باشلانغان نامايىش قىسقا ۋاقىتتا پۈتۈن تۈركىيەگە يېيىلغان ئىدى.
10 كۈن ئىچىدە كۆپ ساندا كىشى تۇتۇقلاندى، 1 كىشى قازا تاپتى، كۆپ ساندا كىشى يارىدار بولدى. نامايىش باشلانغىلى 10 كۈن بولغان بۈگۈنكى كۈندە نامايىشچىلار بىرلىشىپ قۇرغان ھەمكارلىشىش مۇنبىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى تۈركىيە باش مىنىستىر مۇئاۋىنى بۈلەنت ئارىنچ، قوبۇل قىلىپ نامايىشچىلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن نامايىشچىلاردىن ئەپۇ سورىدى ھەم نامايىشچىلارنىڭ 7 ماددىدىن تەركىب تاپقان تەلىپىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. بۇ تەلەپلەر تۆۋەندىكىچە:
- ئىستانبۇل تەقسىم مەيدانىدىكى گېزى باغچىسىغا بىنا سېلىنمىسۇن.
- ئىستانبۇل تەقسىم مەيدانىدىكى ئاتاتۈرك مەدەنىيەت مەركىزى زالى چېقىلمىسۇن.
- ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا قاتتىق قوللۇق قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە خاتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مۇدىرلىرى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلانسۇن.
- ساقچىلارنىڭ بۇندىن كېيىن گاز بومبىسى ئىشلىتىشى مەنئى قىلىنسۇن.
- نامايىش جەريانىدا تۇتۇقلانغان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىش.
- ئىستانبۇل تەقسىم مەيدانى، ئەنقەرەنىڭ قىزىلاي مەيدانىدا 1-ماي ئىشچىلار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلىنسۇن.
- پىكىر ئەركىنلىكىدىكى بەزى قانۇنى توسالغۇلار تامامەن ئېلىپ تاشلانسۇن.
بۇ تەلەپلەرگە قارىتا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېخى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، مۇتەخەسسىسلەر بۇ مەسىلىگە قارىتا ھۆكۈمەتنىڭ ئىجابىي مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاخشام ئىستانبۇل، ئەنقەرە قاتارلىق شەھەرلەردە ساقچىلارنىڭ ئازلىقى ۋە يۇمشاق قوللۇق قىلىشى بۇنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
تۈركىيەدىكى بۇ نامايىشنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟ سۈرىيە، مىسىر ۋە تۇنىستىكى نامايىشلارغا ئوخشامدۇ؟ بۇ 7 ماددىلىق تەلەپكە تۈركىيە ھۆكۈمىتى قانداق قارايدۇ؟ ھۆكۈمەت بۇ نامايىشلاردىن ساۋاق ئېلىپ بۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسەتلىرىدە خەلقنىڭ ئارزۇ تەلەپلىرىنى ئاڭلارمۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.