ئىستانبۇلنىڭ تاكسىم مەيدانىدىكى گېزى باغچىسىدىكى دەرەخنى قومۇرۇپ تاشلاپ ئورنىغا بىنا سېلىش قارارىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن باشلانغان نامايىش قىسقا ۋاقىتتا پۈتۈن تۈركىيەگە يېيىلغان ئىدى.
15-كۈنىگە كىرگەن بۈگۈنكى كۈندە كۈندۈزلىرى نامايىشقا چىقىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانىدا ئازىيىش كۆرۈلگەن بولسىمۇ ئاخشاملىرى ئىستانبۇل تاكسىم مەيدانى بىلەن ئەنقەرەنىڭ قىزىلاي مەيدانىدا خەۋپسىزلىك خادىملىرى بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا ئايلانماقتا. نامايىش باشلانغىلى 15 كۈن بولغان 11-ئىيۇن كۈنى ئاخشام ئىستانبۇل تاكسىم مەيدانى بىلەن ئەنقەرەنىڭ تۇنالھىلمى كوچىسى توقۇنۇش مەيدانىغا ئايلاندى. ساقچىلار ياش ئېقىتىدىغان بومبا ۋە يۇقىرى بېسىملىق سۇ بىلەن نامايىشچىلارنى تارقىتىشقا تىرىشتى. نامايىشچىلار بولسا تاش ۋە كالتەكلەر بىلەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلدى. نامايىشچىلار ساقچى ماشىنىسى بىلەن تاكسىمدە قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ ماشىنىلىرىغا ئوت قويۇۋەتتى.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى نامايىشچىلارغا قارىتا پوزىتسىيىسىنى يۇمشاتقان بولسىمۇ نامايىشچىلارنىڭ ئاخشاملىرى كۆپىيىشى ھەتتا ئاز بىر ئوچۇم كىشىلەرنىڭ باش مىنىستىرلىق بىناسىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەمشىلىشى جەمئىيەتتە غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا.
بۇ ۋەقەلەر تۈركىيەدىكى تېلېۋىزىيىلەر ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلماقتا. تۈنۈگۈن بىر قانچە سائەت ئىچىدە ئىستانبۇل ۋالىسى ئاۋنى مۇتلۇ ئەپەندى 4 قېتىم بايانات بېرىپ نامايىشچىلارنى تاقىلىپ كېتىشكە چاقىردى. ئۇ باياناتىدا 30 ئەتراپىدا كىشىنىڭ تاكسىم مەيدانىدىكى ئاتاتۈرك ھەيكىلىنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل لوزۇنكىلارنى ئېسىپ خەلق بىلەن خەۋپسىزلىك خادىملىرىنى كۈشكۈرتۈپ جېدەلگە سېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنى تارقىتىش ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سۇ چاچقانلىقىنى، گېزى باغچىسىدا تىنچلىق يولى بىلەن نامايىش قىلىۋاتقانلارغا ساقچىنىڭ چېقىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ۋالىي ئاۋنى مۇتلۇ ئەپەندى ۋەقە تۇغدۇرۇۋاتقان ساقچىغا تاش ۋە بومبا تاشلاۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىر ئوچۇم بۇزغۇنچى ئىكەنلىكىنى، بۇ بولۇۋاتقانلارنىڭ تۈركىيەگە ياراشمايۋاتقانلىقىنى، دېموكراتىيىلىك يوللار بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلارغا قارشى ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھۆكۈمەت نامايىشچى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا. بۈگۈن نامايىشچىلار بىرلىشىپ قۇرغان ھەمكارلىشىش مۇنبىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قوبۇل قىلدى. ئۇلار ھۆكۈمەتكە بولغان تەلەپلىرىنى ئاڭلاتتى.
تۈركىيەدىكى بۇ نامايىشنىڭ 15 كۈنگىچە بېسىقماسلىقىدىكى سەۋەب زادى نېمە؟ سۈرىيە، مىسىر ۋە تۇنىستىكى نامايىشلارغا ئوخشامدۇ؟ تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇندىن كېيىن قانداق تەدبىرلەرنى ئالار ؟ ھۆكۈمەت بۇ نامايىشلاردىن ساۋاق ئېلىپ بۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسەتلىرىدە خەلقنىڭ ئارزۇ تەلەپلىرىنى ئاڭلارمۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلىرىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.