باش مىنىستىرنىڭ بۇ باياناتى تۈركىيىدىكى ھەرقايسى قاتلام كىشىلىرى ئارىسىدا يېڭى مۇنازىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان تەرىپىدىن 1996-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 2001-يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، دۇنيا سىياسىتىدە بەلگىلىك رولغا ئىگە بولۇشقا باشلىغان خەلقئارالىق بىر تەشكىلات. ئافغانىستان، موڭغۇلىيە، ھىندىستان، پاكىستان، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچى دۆلەتلىرى بولۇپ، تۈركىيە، سىرلانكا، بېلورۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر مۇزاكىرە قىلغۇچى دۆلەتلەر ھېسابلىنىدۇ.
ئەردوغان مۇخبىرنىڭ سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى:
«75 مىليون تۈرك خەلقىنىڭ باش مىنىستىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خالاپ خالىماي باشقا يوللارنىمۇ ئىزدەپ باقىدىكەنمىز. شۇڭا ئۆتكەندە مەن پۇتىنغىمۇ دېدىم، بىزنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قوبۇل قىلىڭلار. نېمىشقا ياۋروپا بىرلىكىگە كىرىمىز دەپ تۇرۇۋالىدىغانلىقىمىزنى سورىغانىكەنسىلەر، ئۇنداقتا بىزنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قوبۇل قىلىڭلار، بىزمۇ ياۋروپا بىرلىكىدىن قول ئۈزەيلى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قوبۇل قىلىنىدىغان بولساق، ياۋروپا بىرلىكىگە كىرىشكە ئۇرۇنۇپمۇ يۈرمەيمىز. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ياخشى.»
ئەردوغان مۇخبىرنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەۋزەللىكى ھەققىدىكى سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
«ئالدى بىلەن نوپۇس جەھەتتىن ياۋروپادىن قاتمۇ-قات يۇقىرى. ئۇندىن قالسا بىز بىلەن دىنىي، كۈلتۈرى ۋە قىممەت قاراشلىرى ئورتاق بولغان دۆلەتلەر بىلەن بىر يەرگە كېلەلەيمىز.»
باش مىنىستىرنىڭ بۇ باياناتىدىن كېيىن تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «ھۆرىيەت» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى سەدات ئەرگىن ئەپەندى 1-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى ئوبزورىدا باش مىنىستىرنىڭ جاۋابلىرىنىڭ ئىككى سەۋەبى بارلىقىنى، بىرى يېرىم ئەسىردىن بۇيان ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا بولالمايۋاتقان تۈركىيىنىڭ ياۋروپادىن رەنجىپ، تۈركىيىنىڭ باشقا تاللاشلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كۆز -كۆز قىلماقچى بولغانلىقىدا. يەنە بىرى، ئورتاق مەنىۋى قىممەتلەرگە ئىگە دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش نىيىتىنىڭ بارلىقىدا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. سەدات ئەرگىن ئوبزورىدا يەنە ئەردوغاننىڭ بۇ قاراشلىرىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن تولۇق ئۈمىد ئۈزگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تۈركىيىنى رۇسىيە ۋە خىتاي باشچىلىقىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قوبۇل قىلامدۇ؟ تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان تەقدىردە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىدىن سەلچۇق چولاقئوغلۇ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
چولاقئوغلۇ ئەپەندى باش مىنىستىرىنىڭ بۇ باياناتىنىڭ پەقەتلا ياۋروپا بىرلىكىگە بىزنىڭ باشقا تاللاشلىرىمىزمۇ بار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇش مەقسىتىدە ئېيتىلغان سۆزلەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:
«باش مىنىستىر ئۆتكەن يىلى پۇتىن بىلەن ئۇچراشقان چاغدىمۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئالساڭلار، بىز ياۋروپا بىرلىكىدىن ۋاز كېچىمىز دېگەن ئىدى. باش مىنىستىرنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئومۇمىي جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، بۇلار ياۋروپا بىرلىكىنىڭ تۈركىيىنى ئالمايۋاتقانلىقىغا بولغان رەنجىشتىن ئىبارەت. بولۇپمۇ كېيىنكى بەش ئالتە يىل ئىچىدە تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش مۇنازىرىسىدە چېكىنىش كۆرۈلمەكتە. 2005-يىلىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئىلتىماس قىلغان دۆلەتلەر ئاللىبۇرۇن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىپ بولدى. تۈركىيە بولسا ھېلىغىچە ئىشىك چېكىپ تۇرماقتا. شۇڭا باش مىنىستىرنىڭ بۇنداق دېيىشى تولىمۇ تەبىئىي.»
سەلچۇق چولاقئوغلۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيىگە پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
«بەلكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تۈركىيىگە بەلگىلىك نەپ تېگىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما، تۈركىيە بۇ تەشكىلاتتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق سىياسىي قىممەت قاراشلىرىغا ئىگە ئەمەس. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى قانۇنىي ئۈستۈنلۈك، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقى قاتارلىقلارغا قارايدىغان بولساق، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر بۇ جەھەتتىن ئەڭ ناچار دۆلەتلەر. شۇڭا ئومۇمىي جەھەتتىن تۈركىيە بەك نەپ ئېلىپ كېتەلىشىمۇ ناتايىن.