تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى «دېموكراتىيە نۆۋىتى» نامايىشىغا ئاكتىپ قاتناشماقتا

0:00 / 0:00


15 - ئىيۇل كۈنى تۈركىيە ئارمىيەسى ئىچىدىكى بىر ئوچۇم قوماندان ۋە ھەربىي تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەربىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنغاندا، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دېموكراتىك تۈزۈمنى قورال كۈچى بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان كىشىلەرگە قارشى خەلقنى كوچىغا چىقىشقا چاقىرغان ئىدى. تۈرك خەلقى چوڭ - كىچىك دېمەستىن كوچىلارغا چىقىپ، ھەربىي ئۆزگىرىشكە قاتناشقان تانكىلارنىڭ ئالدىغا يېتىپ ھەربىي ھاكىمىيەتنى خالىمايدىغانلىقىنى، دېموكراتىك تۈزۈمنى خالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بۇ پائالىيەتنىڭ ئىسمىنى «دېموكراتىيە نۆۋىتى» قويغان ئىدى.

بۇ پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى ئۇيغۇرلارمۇ ئاكتىپ ئىشتىراك قىلماقتا. 15 - ئىيۇل كۈنى ئاخشام بەزى ئۇيغۇرلار تانكىلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ توسقان بولسا، يەنە بەزى ئۇيغۇرلار نامايىشقا كەلگەن ئادەملەرگە سۇ تارقىتىپ بەرگەن. تۈركىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەر كۈنى دېگۈدەك تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە دېموكراتىيە نۆۋىتىگە تۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشماقتا.

قەيسەرىدىكى نامايىشلار
قەيسەرىدىكى نامايىشلار (RFA/Erkin)


ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى» رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئىستانبۇلدا 15 - ئىيۇل كۈنى ھەربىي ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئاڭلاپلا بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرنىڭ ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىغا بارغانلىقىنى بايان قىلدى.

قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى قەيسەرىگە بۇرۇن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن 2014 - 2015 - يىللىرى مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ 15 - ئىيۇلدىن بۈگۈنگىچە قەيسەرى خەلقى بىلەن بىرلىكتە قەيسەرى مەيدانىدا «دېموكراتىيىگە ئىگە چىقىش، تۈركىيەگە ئىگە چىقىش پائالىيىتى» گە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى دېدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە «ھەربىي ئۆزگىرىشكە، دىكتاتورىلىققا قارشى تۇرۇش پائالىيىتى» گە قاتناشقانلىقىنى بايان قىلدى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 1980 - يىلى ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ھۆكۈمەتنىڭ تۇنجى زىيارىتىنى خىتايغا ئېلىپ بارغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيىتىنى چەكلىگەنلىكىنى، ھەربىي ئۆزگىرىش غەلىبە قىلغان بولسا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ زور زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قەيسەرىدىكى نامايىشلار

مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى يىلى تۈركىيە ھەربىي ھۆكۈمىتى ھامۇت كۆكتۈرك، خەيرۇللا ئەفەندىگىل، مەھمەت جانتۈرك، ئابدۇۋەلى ئەفەندىگىل قاتارلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى قولغا ئالغان ئىكەن.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى دىكتاتور تۈزۈمىنىڭ دۇنيادىكى ئىلغار قىممەت قاراشلارغا قارشى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىغىمۇ زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنىڭ بىلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

15 - ئىيۇل كۈنى تۈركىيە ئارمىيەسى ئىچىدىكى بىر گۇرۇپپا ئەسكەر ھۆكۈمەتكە قارشى ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇپ مەغلۇپ بولغان ئىدى. بۇ ۋەقەدە 144 كىشى ئۆلگەن، ئون مىڭغا يېقىن كىشى تۇتۇقلانغان ئىدى. ھازىر تۇتۇقلانغان كىشىلەر سوتلانماقتا.