تۈركىيە قانۇن تەتقىقات جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن بىلىنىشىگە ئەگىشىپ تۈركىيەدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، تەتقىقات مەركەزلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى.
23-ئىيۇل كۈنى كەچ، قانۇن تەتقىقاتچىلىرى جەمئىيىتى رەئىسى ھۈسەيىن قارا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ ئىشخانىسىغا كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىدى. ھۈسەيىن قارا ئەپەندى مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ 1988-يىلى قۇرۇلغاندىن بېرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ۋە قانۇنسىزلىقلار توغرىسىدا دوكلات تەييارلاپ ياۋروپا پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى سوتىغا سۇنۇپ كەلگەنلىكىنى ۋە كۆپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە مەيلى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بولسۇن، مەيلى ئاپتونومىيە قانۇنىدا بولسۇن ئۇيغۇر تۈركلىرىگە كۆپ ھەق ۋە ھوقۇقلارنىڭ بېرىلگەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرمەيۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە دوكلات تەييارلاپ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا سۇنىدىغانلىقىنى، ھەتتا تۈرك ئادۋوكاتلار نامىدىن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرلار كومىتېتى رەئىسى خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، د ئۇ ق تەرىپىدىن تەييارلانغان بىر يۈرۈش ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى دوكلاتلارنى ئۇلارغا بەردى.
ئۇچرىشىش ئاخىرىدا مىكروفونىمىزنى تۈركىيە قانۇن تەتقىقات ئۇيۇشمىسى رەئىسى ئادۋوكات ھۈسەيىن قارا ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق.
« ئۇيۇشمىڭىز توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟ » دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
-بىزنىڭ تەشكىلاتىمىز 1988-يىلى بىر گۇرۇپپا قانۇنچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان. قۇرۇلغاندىن بېرى تۈركىيەدىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى زۇلۇم، ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا ئىزدىنىپ دوكلات تەييارلاپ كېلىۋاتقان بىر ئاممىۋى تەشكىلات.
« بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلىشىڭىزدىكى مەقسەت نېمە؟» دېگەن سوئالىمىزغا ھۈسەيىن قارا ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى:
-شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بىزنىڭ كۈن تەرتىپىمىزدىكى بىر مەسىلە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق ھالدا ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەتتۇق. بىز مىسىردىكى ھەربىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلەپ بىر بايانات ئېلان قىلغان ئىدۇق. ئۇ يىغىنىمىزدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىمۇ كۈن تەرتىپىمىزگە قويايلى دەپ ئويلىدۇق. بىز بۇندىن كېيىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى، قانۇنسىزلىقلار، ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەنلەر، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغانلار، يەر زېمىنلىرى تارتىۋېلىنغانلار توغرىسىدا دوكلات تەييارلاپ تۈرك ھۆكۈمىتىگە شۇنداقلا خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىغا بېرىمىز. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئىشخانىسىغا كەلدۇق. خەيرۇللا ئەپەندى بىزگە ھەم ئاغزاكى مەلۇمات بەردى، ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەييارلىغان دوكلاتلارنى بەردى. پايدىلىق بىر زىيارەت بولدى. بىز ئادۋوكاتلار قۇرغان ئاممىۋى تەشكىلات بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھوقۇقى جەھەتتىن تەتقىق قىلىپ دوكلاتلار تەييارلايمىز.