2013-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى جاڭ چىڭياڭ مانىسا شەھىرىگە قاراشلىق سالىھلى رايونىدىكى سالىھلى قازاق تۈركلىرى ئىجتىمائىي ھەمكارلىق ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلغان ۋە بۇ جەمئىيەتنىڭ باشلىقى ئابدۇلسەتتار ئاق قاتارلىق مەسئۇللىرى خىتاي باش كونسۇلنى قارشى ئالغان.
خەۋەرلەردە بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇلسەتتار ئاق جاڭ چىڭياڭىنى مېھمان قىلغانلىقتىن خۇشال بولغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ۋە ھەر زامان ئىككى تەرەپلىمە مۇناسىۋەتنى داۋام قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
خىتاي باش كونسۇل جاڭ چىڭياڭ قازاقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ئۇلارنىڭ خىتايدىن كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن مۇناسىۋەت قۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قازاقلارنى ئۇنتۇمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: سىلەر بىلەن بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتىم، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قويۇق ئۇچرىشىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. كەلگۈسىدە سىلەرگە ياردەم ۋە خىزمەت قىلىشقا تەييار بولىمىز. سىلەرنى خىتايغا تەكلىپ قىلىمەن، ئەسلى مەملىكىتىڭلارغا كېتىشىڭلارنى خالايمىز، دېگەن.
زىيارەت ئاخىرىدا خىتاي باش كونسۇل چىڭياڭ سالىھلى قازاق تۈركلىرى ئىجتىمائىي ھەمكارلىق ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشكەن.
بۇ خەۋەر تۈركىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى ۋە تور گېزىتلىرىدە كۆپ تارقالغاندىن كېيىن، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر، قازاق كۆچمەنلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
سالىھلى قازاق تۈركلىرى ئىجتىمائىي ھەمكارلىق ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى سالىھلىدا ياشاۋاتقان كۆچمەن قازاقلار تەرىپىدىن قورۇلغان جەمئىيەت بولۇپ، بۇ قازاقلار ئەينى زاماندا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ تۈركىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان كۆچمەنلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر جەمئىيەت ئىكەن.
ئەينى زاماندا زۇلۇمدىن قاچقان ۋە قېچىش جەريانىدا ئېغىر كۈلپەتلەرگە دۇچ كەلگەن بۇ قازاقلار بۈگۈنكى كۈندە قانداق بولۇپ خىتاي ئەلچىسى بىلەن ئۇچرىشىشنى خالايدۇ؟ ۋە خىتاي ئەلچى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ؟
بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياقۇپجان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ياقۇپجان مۇنداق دېدى:
مەن شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھېچ كىم بىزنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلىپ مۇستەقىللىقىمىزنى بەرمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ خىل خىتاي بىلەن ئۇچۇرۇشۇش ئۇسۇلى بىلەن ۋەتەننى ئازاد قىلىش يولىنى تاللىغانلار خاتا يولنى تاللايدۇ. ئۇلار ۋەتەننى قۇتۇلدۇرۇش ئەمەس، قورسىقىنى قۇتقۇزۇشنىڭ كويىغا چۈشكەنلەردۇر، كىمنىڭ نېمە مەقسەتتە بىزگە ئۇچۇر بېرىۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىمىز، نەچچە يىلدىن بۇيان بىزنىمۇ بۇ خىل يولغا كىرىشكە ئۇرۇندى، بىزمۇ بۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ كەلدۇق. كىم بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئىمپىريالىزىمغا ۋە ئۇنىڭ ئىدېئولوگىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلارنى ھېچ شەك-شۈبىھى قىلماستىن پەسكەش دەپ باھا بېرىمىز. ئىمپېرىيالىزىمنىڭ قورچىقى بولغانلار ھېچ بىر زامان بىزنىڭ سېپىمىزدە بولالمايدۇ، باشقا بىركىملەرنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈش ئەمەس، بىزنىڭ مىللىي داۋايىمىزنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن يول باشلىغانلارنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈشىمىز كېرەك. بىز مىللىي داۋايىمىزنى ھۆر دۇنيادا 1963-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن داۋام قىلىپ كېلىۋاتىمىز، ھېچ توختاپ قالمىدۇق. بىز ھۆر دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ تولۇق مۇستەقىللىقىدۇر. سالىھلى قازاق تۈركلىرى ئىجتىمائىي ھەمكارلىق ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ خىتاي باش ئەلچىسىنى ياكى دىپلوماتنى قارشى ئېلىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. مەن، ھېچ بىر زامان بىر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا دوستلۇق قولىنى ئۇزىتىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن.
شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياقۇپجان ئەينى زاماندا خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ تۈركىيىدە ئولتۇراقلاشقان قازاق كۆچمەن ئائىلىنىڭ ئوغلى ھېسابلىنىدۇ.
1954-يىلى سالىھلى ناھىيىسىنىڭ قۇرتۇلۇش مەھەلىلىسىگە 140 قازاق ئائىلە شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، كېيىن بۇلارنىڭ بىر قىسمى ئىستانبۇل ۋە باشقا شەھەرلەرگە كۆچۈپ كەتكەن. ھازىر بۇ مەھەلىدە 90 دىن ئارتۇق قازاق ئائىلە ياشايدىكەن. بۇلار تۈركىستانلىق قازاق كۆچمەنلەر دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇ يەردىكى قازاقلار پات-پات قازاق تۈركلىرى ئىجتىمائىي ھەمكارلىق ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتىگە يىغىلىپ يىغىن، مۇراسىم ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدىكەن.
بىز يەنە بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۇمتۈرك ئەپەندىنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى ئالدۇق. ئۇمۇ بۇ كۆرۈشۈشنى تەنقىد قىلدى.