تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قەشقەردە ئۆلتۈرۈلگەن 18 ئۇيغۇرنىڭ ئۇزاقتىن جىنازا نامىزى چۈشۈرۈلدى

0:00 / 0:00


6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەدە 18 ئۇيغۇرنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى تارقىتىلغاندىن كېيىن تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئارقا - ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ خىل سوتلىمايلا نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان «ئۈلكۈ ئوجاقلىرى مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ۋەخپى» باشلىقى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ 18 ئۇيغۇرنى سوتقا چىقارمايلا ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە بۈگۈن جۈمە نامىزىدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدىكى شۆبە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جامىلەردە خىتاي ساقچىلىرى قەشقەردىكى ۋەقەدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن 18 ئۇيغۇرنىڭ ئۇزاقتىن نامىزى چۈشۈرۈلدى.

ئىستانبۇلدا قەشقەردە ئۆلتۈرۈلگەن 18 ئۇيغۇرنىڭ ئۇزاقتىن جىنازا نامىزى چۈشۈرۈلمەكتە
ئىستانبۇلدا قەشقەردە ئۆلتۈرۈلگەن 18 ئۇيغۇرنىڭ ئۇزاقتىن جىنازا نامىزى چۈشۈرۈلمەكتە


«ئۈلكۇ ئوجاقلىرى» رەئىسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى باشچىلىقىدىكى كىشىلەر ئەنقەرە كەچىئورەن چامىسىدا جۈمە نامىزىدىن كېيىن 18 ئۇيغۇرنىڭ ئۇزاقتىن جىنازا نامىزىنى چۈشۈردى. ئارقىدىن مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

ئۈلكۈ ئوجاقلىرى مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى مەتبۇئات باياناتىنى مۇنداق باشلىدى: خىتاي بېسىۋالغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋاملاشماقتا. مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ھايات كۈرىشى ئېلىپ بارماقتا. بىر تەرەپتە خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار، يەنە بىر تەرەپتە بولسا شەرقىي تۈركىستانغا خىتايلارنى ئەكېلىپ جايلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى قىيناۋاتقان زالىم خىتاي دۆلىتى. خىتاي بۈگۈنكى مەدەنىي دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئېلىپ بارماقتا. بۇ رامزان ئېيىدىمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا مۇسۇلمان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىمەكتە. خىتاينىڭ بۇ چەكلىمىلىرىگە بوي سۇنمىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ئېغىر دەرىجىدە جازالىماقتا. خىتاي ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى، دىنىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى پۈتۈنلەي دۇنيا سەھنىسىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغان.

ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى باياناتىدا خىتاينىڭ ۋەھشىي يۈزىنى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى يەنە 18 ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: خىتاي ۋەھشىي يۈزىنى 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى قەشقەردە 18 ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى. خىتاي ساقچىلىقى سوراققا تارتماستىن 18 ئۇيغۇرنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. خىتاي باسقۇنچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان خالىغانچە ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنى داۋام قىلماقتا. ئەپسۇسكى دۇنيادىكى دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەر، شۇنداقلا تۈركىيە دۆلىتى بۈگۈنگىچە خىتاينى ئەيىبلىمىدى. بىز تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەشكە داۋام قىلىمىز. قاتىل خىتاي دۆلىتىدىن ئاخىرى بىر كۈن ھېساب سورايمىز.

ئۇ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىشى ۋە ئارقىدىنلا قەشقەردە 18 ئۇيغۇرنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ تۈركلەرنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغانلىقىنى، تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئوبزورلار ئېلان قىلىنىۋاتقانلىقىنى بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

«تۈرك ئوجاقلىرى مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ۋەخپى» نىڭ رەئىسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا تەشكىلاتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بۈگۈن قەيسەرى، گازىئانتەپ، ئەنقەرە، ئەرزىنجان، سىۋاسقا ۋە ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلەردە جۈمە نامىزىدىن كېيىن قەشقەردە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 18 ئۇيغۇرنىڭ ئۇزاقتىن جىنازا نامىزى چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

بۈگۈن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتايغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.