تۈركىيە قەيسەرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلدى

قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار تۈرك دۇنياسى نورۇز پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز ئەنئەنىسىنى تونۇتۇش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنىمۇ ئاڭلاتتى.

21 - مارت كۈنى قەيسەرى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە مەكتەپ رەھبەرلىرىدىن باشقا تۈركىيە ئارمىيىسى رەھبەرلىرى، قەيسەرى ۋالىيسى ئورخان دۈزگۈن ئەپەندى، قەيسەرى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى مۇستافا ئايدىن ئەپەندىلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. بۇ پائالىيەتتە ئەزەربەجان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەردىن تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ نورۇز ئەنئەنىلىرىنى كۆرسەتتى.


نورۇز بايرىمىدىن بۇرۇن، يەنى 19 - مارت كۈنى، تۈركىيەنىڭ كونيا ۋىلايىتىدىكى قارامانوغلۇ مەمەتبېي ئۇنىۋېرسىتېتىدا «تۈرك دۇنياسىنىڭ قانىغان يارىسى شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بەردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز بايرام ئەنئەنىسىنى قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر ياشلار كۆرسەتتى.

قەيسەرى ۋالىيسى سۆزلىگەن ئېچىلىش نۇتىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ توختالدى.

دوكلات باشلاشتىن بۇرۇن «تۈرك دۇنياسىنىڭ قانىغان يارىسى شەرقىي تۈ

ركىستاننىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى» تېمىسىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. رەسىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر كۆرگەزمە قىلىنغان.