راھمانقۇلنى خاتىرىلەش يىغىنىدا تۈرك دۇنياسى بىرلىكى قۇرۇش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00

10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ مەدەنىيەت سەنئەت يىغىن زالىدا، قىرغىز راھمان قۇل فوندى بىلەن ياۋروئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە تۈرك دۇنياسى شەھەرلەر بىرلىكى تەشكىلاتى، قىرغىزىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى شۇنداقلا زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن قىرغىزلارنىڭ لىدېرى رەھمانقۇلخاننى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا تۈرك دۇنياسى بىرلىكى قۇرۇش، تۈرك تىلى، مەدەنىيەت بىرلىكى قۇرۇش توغرىسىدا سۆز قىلىندى، يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، پۈتۈن تۈركى خەلقلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بىرلىك ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى، بىرلىك كۈچەيتىلسە بۇنىڭدىن تۈركلەر ۋە دۇنيا تىنچلىقىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ يىغىنغا ياۋروئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل چىنگىز، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەھبەرلىرىدىن پروفېسسور دوكتور سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى ۋە ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندىلەر مۇ قاتناشتى.

يىغىنغا يەنە قازاق تۈركلىرى ۋەخپى، نوغاي تۈركلىرى جەمئىيىتى، يەسى تەلىم-تەربىيە جەمئىيىتى، قازاق تۈركلىرى تەلىم-تەربىيە جەمئىيىتى، تۈركىستانلىقلار مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ئانادولى تۈرك ئوجاقلىرى جەمئىيىتى، قىرغىز-تۈرك دوستلۇق مەدەنىيەت جەمئىيىتى، تۈركمەن ئېلى كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى، ئىراق تۈركلىرى مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ئافغانىستان تۈركلىرى جەمئىيىتى، تۈرك دۇنياسى قېرىنداش خەلقلەر جەمئىيىتى، تۈركمەن جەمئىيەتلىرى فېدراسيونى قاتارلىق ئونلىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە رەھبەرلىرى قاتناشتى.

650 كىشى قاتناشقان بۇ خاتىرىلەش يىغىنىدا، قىرغىزىستاننىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىبراھىم جۇنۇسوي، قىرغىزىستاننىڭ ئىستانبۇل باش كونسولى رەنات تۈلىبەردىيۇف، زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىن، قىرغىزىستان پارلامېنت ئەزاسى مەقسەت سابىرۇف، ئابدۇلمەنناپ قۇتۇسۇف، ياۋروئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل چىنگىز قاتارلىق رەھبەرلەر ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

يىغىندا راھمانقۇل خان فوندىنىڭ رەئىسى ئايىمقان جامالقۇلىيۇۋا، ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور نازىف شاھرانى، قىرغىزىستان چۈي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور سۇلايمان قايىپۇف، قىرغىزىستان ماناس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى قادىرئېلى كونكۇبايۇف، تۈركىيە مىمار سىنان ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئابدۇلۋاھاب قارا قاتارلى ئاكادېمىكلەر مەرھۇم راھمانقۇل خان ۋە ئۇنىڭ ھايات ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

پامىر تاغلىرىنىڭ ئافغانىستان تەۋەلىكىدە ياشىغان راھمانقۇل خان 25 يېشىدا پامىر قىرغىزلارنىڭ رەھبىرى بولغان، 1978-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستاننى ئىشغال قىلىشى بىلەن قىرغىزلارنىڭ قىرغىنغا ئۇچراپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ پامىر قىرغىزلىرى بىلەن بىرلىكتە پاكىستانغا كۆچۈپ كەتكەن، ئۇ يەردە 4 يىل مۇساپىرلار لاگېرىدا ياشىغاندىن كېيىن 1982-يىلى تۈركىيەدىن پاناھلىق تەلەپ قىلغان. تۈركىيە راھمانقۇل خاننىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى كۆچۈرۈپ كېلىپ تۈركىيەنىڭ شەرقىدىكى ۋان شەھىرىنىڭ ئەرجېش رايونىغا جايلاشتۇرغان. راھمانقۇل خان بۇ يەردە قىرغىز مەھەللىسى قۇرۇپ خەلقى بىلەن بىرلىكتە ياشىغان ۋە 1990-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. راھمانقۇل خاننى قىرغىزلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خانى دەپ قارايدىكەن.

بۇ يىغىنغا قىرغىزىستاندىن ۋە ئافغانىستان پامىر تېغىدىن كەلگەن ۋەكىللەرمۇ قاتناشتى. يىغىن ئاخىرىدا تۈركىستان پولۇسى بىلەن زىياپەت بېرىلدى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەھبەرلىرىدىن پروفېسسور سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى ۋە ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پروفېسسور سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى، يىغىندا تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكى، تىلى، مەدەنىيەت بىرلىكى قۇرۇش توغرىسىدا سۆز قىلىنغانلىقىنى، يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى، پۈتۈن تۈركى خەلقلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بىرلىك ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى، بىرلىك كۈچەيتىلسە بۇنىڭدىن تۈركلەر ۋە دۇنيا تىنچلىقىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.