تۈركىيەنىڭ رىزە شەھىرىدە «دەردىمىز شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00


ئى ھا ھا ئىنسان ھەق ۋە ھۆرىيەتلىرى فوندىنىڭ رىزە شەھىرى چايەلى ياشلار شۆبىسى تەرىپىدىن «دەردىمىز شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

رىزە شەھىرىدىكى رەجەپ تاييپ ئەردۇغان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئوغۇل - قىز بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىندا ئالدى بىلەن «قۇرئان كەرىم» تىلاۋەت قىلىندى ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى. كېيىن ئى ھا ھا تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان فىلىم ۋە شەرقى تۈركىستان توغرىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. ئارقىدىن ئى ھا ھا ئىنسان ھەق ۋە ھۆرىيەتلىرى فوندىنىڭ رىزە چايەلى ياشلار شۆبىسىنىڭ رەئىسى فۇركان گۇۋەنچ ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ، شەرقىي تۈركىستاننى تۈرك - ئىسلام جۇغراپىيىسىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ دىنى ۋە مىللىي قان قېرىنداش دەپ قارايدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئۆزلىرىنىڭ دەردى دەپ قارايدىغانلىقى شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىنغا شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە يىغىندا سۆز قىلدى.

ئابلەت ئابدۇراخمان شەرقى تۈركىستاننىڭ تارىخى، ئىستراتېگىيىلىك ئورنى، شەرقى تۈركىستاننىڭ مول تەبىئىي بايلىقلىرى، شەرقى تۈركىستان خىتاي ئىشغالىغا كىرىپ قالغاندىن بۇيانقى دىنىي ۋە مىللىي زۇلۇملىرىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زۇلۇمنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى ۋە خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرى قاتارلىق تېمىلار توغرىسىدا سۆز قىلدى.

تۈركىيەنىڭ رىزە شەھىرىدە «دەردىمىز شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدىكى يىغىندا ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمانغا پلاكات تەقدىم قىلىندى
تۈركىيەنىڭ رىزە شەھىرىدە «دەردىمىز شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدىكى يىغىندا ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمانغا پلاكات تەقدىم قىلىندى


ئابلەت ئابدۇراخمان سۆز قىلىپ بولغاندىن كېيىن شەرقى تۈركىستان توغرىسىدا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى. 20 مىنۇت داۋاملاشقان سوئال - جاۋاب ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئى ھا ھا ئىنسان ھەق ۋە ھۆرىيەتلىرى فوندىنىڭ رىزە چايەلى ياشلار شۆبىسى تەرىپىدىن ئابلەت ئابدۇراھمانغا پلاكات تەقدىم قىلىندى. يىغىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا يىغىندا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندى تۈركىيىدە يېقىندىن بۇيان كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە بولۇش قىزغىنلىقىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار يىغىننىڭ كۆپلەپ ئېچىلىۋاتقانلىقى، بۇ خىل يىغىنلارنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشى ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.