تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋىتى كۈنسايىن جىددىيلەشمەكتە

0:00 / 0:00

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى تۈركىيە بىلەن سۇرىيە چېگراسىدا رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئۇرۇپ چۈشۈرگەندىن كېيىن، رۇسىيە دۆلەت باشلىقى ۋلادىمىر پۇتىن مۇخبىرلارغا بەرگەن تۇنجى باياناتىدا، «ئارقىمىزدىن پىچاقلاندۇق» دېگەن ئىدى. ئارقىدىن تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان CNN تېلېۋىزىيىسىگە بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيەدىن ئەپۇ سورىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۈگۈن رۇسىيە دائىرىلىرى يەنە 12-ئايدىن تارتىپ تۈركلەردىن ۋىزا تەلەپ قىلماسلىق سىياسىتى بىكار قىلىنىش پىلانى بارلىقىنى ئوتتۇرىگا قويدى.

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تايىيپ ئەردوغان بىلەن پارىژدا چاقىرىلىدىغان كىلىمات توغرىسىدىكى يىغىندا ئېلىپ بارماقچى بولغان ئۇچرىشىشىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنداق داۋام قىلىدىغان بولسا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى قانداق بولار؟ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يېزىلىۋاتقاندەك ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى چىقىش ئېھتىمالى بارمۇ؟ تۈركىيە-رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىشىشىگە خىتاي قانداق قارايدۇ؟ دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، ھەرقانداق مىللىي دۆلەتنىڭ ئۆز چېگراسىنى قوغداش ھەققى بارلىقىنى، شۇڭا تۈركىيەنىڭ رۇس ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى، ھازىرغىچە رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۈركمەن رايونىغا كەلگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوقلۇقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ۋەقەنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي مۇناسىۋەتكە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى، ياۋروپانىڭ رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى، شۇڭا مۇزاكىرە قىلىش جەريانىدا كېلىشتۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ، ئەگەر رۇسىيە تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىپ كىرسە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى نىزامنامىسىگە ئاساسەن تۈركىيە تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشىدىغانلىقىنى، ئەگەر بۇنداق بولسا 3-دۇنيا ئۇرۇشى چىقىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.