ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» نامى ئاستىدا ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى لاگېرلارغا يىغىپ، مېڭىسىنى يۇيۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدە دۆلەت رەئىسلىك سايلىمى بىلەن پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىنىڭ تەشۋىقات خىزمەتلىرى رەسمىي باشلاندى. ئۇنداقتا 6-ئاينىڭ 24-كۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان مەزكۇر سايلامدا ئۇتۇپ چىققان سىياسىي پارتىيە ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق قارايدۇ؟ ئۇلار ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن تەقدىردە ئۇيغۇرلارغا قارىتا قانداق بىر سىياسەت ئېلىپ بارار؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى سايلامغا قاتنىشىدىغان پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە بەزى پارلامېنت ئەزا نامزاتلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارماقچىمىز.
بۈگۈنكى پروگراگراممىمىزدا «ئىيى پارتىيەسى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
«ھۆرمەتلىك ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى سايلام يېقىنلىشىپ قالدى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بەكلا ئېغىر. پارتىيىڭىز پارلامېنتكە كىرسە بۇ ھەقتە نېمىلەرنى قىلماقچىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىزدە بۇرۇن قىلغان خىزمەتلەر كېلەچەكتە قىلىدىغانلارنىڭ بېشارىتى دېگەن بىر سۆز بار. بىز بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغان بولساق بۇندىن كېيىنمۇ شۇلارنى قىلىمىز. ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى بار. ئىسمىدا ‹ئىيى›، يەنى ‹ياخشى› سۆزى بولغان بىر سىياسىي ھەرىكەتنىڭ ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى بولۇۋاتقان بىر جاينى كۆزدىن ساقىت قىلىشى ئۇلارغا ئەھمىيەت بەرمەسلىكى، كۆرمەسلىككە سېلىشى، ئۇ مەسىلىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈچۈن بىز ‹ئىيى› پارتىيە، يەنى ياخشى پارتىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قەيەردە ئېزىلگەن خەلق بولسا، قەيەردە ئىنسانلارغا زۇلۇم بولۇۋاتقان بولسا ئۇنىڭغا قارشى چىقىمىز. پارتىيەمىزنىڭ ئىسمىغا يارىشىدىغان بىر سىياسەت ئېلىپ بارىمىز».
«ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھازىر ئىنتايىن ئېغىر پارتىيىڭىز ئۇلارغا ئىگە چىقامدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىتاينىڭ ئېغىر زۇلۇمى ئاستىدا دەرد-ئەلەم تارتىۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىمىز. ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئىگە چىقىمىز. ئۇلارنىڭ دەرت-ئەلىمى بىز ئىيى پارتىيەنىڭمۇ دەرت-ئەلىمى ھېسابلىنىدۇ».
تۈركلەر بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن يىلى 7-ئايدىن تارتىپ ئاتالمىش ‹تەربىيەلەش مەركىزى› نامى ئاستىدىكى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇشى، ھەتتا تۈركىيەدىكى ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يۇرتىغا چاقىرىشىدەك ۋەقەلەر تۈركىيەدىكى كىچىك گېزىت ۋە تېلېۋىزيەلەردە خەۋەر قىلىپ تارقىتىلغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟» دېگەن سوئالىمىزغا «ئىيى» پارتىيە مۇئاۋىن رەئىسى ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «ھۆكۈمەتنىڭ دۇنيا كۆز قارىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە دەپ قارايمەن. ئۇلارنىڭ سىياسىتىدە تۈركىي مىللەتلەر يوق. ھۆكۈمەت ئىراق كەركۈكتىكى تۈركمەنلەرگە بولسۇن، بالقان دۆلەتلىرىدىكى تۈركلەرگە بولسۇن ياكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا بولسۇن ھېچ قاچان كۆڭۈل بۆلمىدى. ئۇلارنى تىلغا ئالمىدى. تۈركىي مىللەتلەر دۇنيا مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشقان. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقانلارنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. پەلەستىن مەسىلىسىمۇ تۈركىيەنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرى، ئەمما پەلەستىن مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان ۋاقتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىق، كۆرمەسلىككە سېلىش ئىنسانلىققا ياراشمايدىغان بىر ھادىسە».
«بۇرۇن تۈركىيەدىكى بەزى پارتىيەلەر، پارلامېنت ئەزاسى نامزاتلىرى، سايلام جەريانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغىمۇ ئېلىپمۇ قويمىغان ئىدى. سىلەرنىڭ ئىيى پارتىيەمۇ پارلامېنتكە كىرگەندىن كېيىن مەزكۇر مەسىلىنى ئۇنتۇپ قالارمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇنى ئۇنتۇش مۇمكىن ئەمەس. مېنىڭ چوڭ دادام شەرقىي تۈركىستاندىكى قەشقەردىن كەلگەن. ئاتىلىرىمنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالىمەن؟ ئۇنۇتسام كىشىلەر يۈزۈمگە تۈكىرىدۇ. بۇ مۇمكىن ئەمەس».
«تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار قېرىنداش مىللەت. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس. ئۇنداقتا بۈگۈنكى بۇنداق بىر ئېغىر ۋەزىيەتتىن ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئەسلىدە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر ۋەزىيەتكە ئىنكاس قايتۇرمايۋاتىدۇ. كۆرمەسلىككە سېلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى خىتاينىڭ بىر يېرىم مىليارد نوپۇسقا ئىگە بىر دۆلەت بولۇشىدىن بولسا كېرەك. ئەمما بۇ مەسىلىگە قارىتا تۈركىيە ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرسە بولىدۇ. خىتاي تۈركىيەگە كۆپ مال ساتىدۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ماللىرىغا چەكلىمە قويسا بولىدۇ. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېسىمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە بۇنداق بىر سىياسىتى بولمىدى. خۇدايىم بۇيرۇسا سايلامدىن كېيىن قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەت بۇنداق سىياسەتلەرنىمۇ ئېلىپ بارار».
ئىسمائىل قونجۇقنىڭ چوڭ دادىسى قەشقەردىن كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ، بۇرۇن 450 مىڭ ئەزاسى بار تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى.
تۈركلەر ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش خەلق بولغاچقا ھەر دائىم ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ. ئەمما ھۆكۈمەتلەر خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، خىتاي دۆلىتىگە نارازىلىق بىلدۈرمەيدۇ. دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيەدە سايلام بولسا يېڭى ھۆكۈمەت قانداق بىر سىياسەت ئېلىپ بارار دەپ مەزكۇرسايلامغا دىققەت قىلماقتا. 6-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى دۆلەت رەئىسى سايلىمىغا 5 دۆلەت رەئىسى نامزاتى، پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىغا 8 سىياسىي پارتىيە ئىشتىراك قىلىدۇ. پارلامېنت ئەزاسى نامزاتلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ھېسداشلىق قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
0:00 / 0:00