تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئومۇمىي سايلام ئالدىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە تەلەپلىرىنى يەتكۈزدى

0:00 / 0:00


تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەرمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. 12 - چىسلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى، قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيت تۈمتۈرك ئەپەندى ئەنقەرەدە بىر يۈرۈش ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ تەلەپلىرىنى يەتكۈزدى.

سېيت تۈمتۈرك ئەپەندى ئالدى بىلەن، ھازىر تۈركىيەدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى، باش كاتىپى خالۇق ئىپەك ئەپەندى، باش مىنىستىرلىقنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى ئىلتىماس ھالىتىدە يەتكۈزدى. تۈركىيەدە 2015 - يىلى 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇچرىشىشتا سېيت تۈمتۈرك ئەپەندى، تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقسىز داۋالىنىش مەسىلىسى، ئۇلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تۈرك پۇقرالىقىغا ئېلىش مەسىلىسى قاتارلىق تەلەپلەرنى يەتكۈزدى. تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبىرى، يېقىندا يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ھەقسىز داۋالاش توغرىسىدا ھۆججەت چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر، 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان ئۇمۇمىي سايلامدىن بۇرۇن، ئۇيغۇرلار تەلەپلىرىنى ھۆكۈمەتكە يەتكۈزسە داۋاملىق ھالدا سۈرۈشتە قىلىپ تۇرسا، مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنىڭ كۆپىنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.