تۈركىيەنىڭ كاراتېكىن ئۇنىۋېرىستېتىدا «مەزلۇم دىيار شەرقىي تۈركسىتان» تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00


تۈركىيە چانكىرى كاراتېكىن ئۇنىۋېرىستىتى ياشلار ھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئۈممەت جۇغراپىيىسىدە مەزلۇم دىيار شەرقىي تۈركسىتان» دېگەن تېمىدا 22 - ئاپېرىل چاشەنبە كۈنى يىغىن ئېچىلدى.

يىغىنغا چانكىرى ۋالىيىسى ۋەھدەدتىن ئۆزجان، كاراتېكىن ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ رېكتور ياردەمچىسى رىزا گۇربۈز ۋە ئاكادېمىكلەر شۇنداقلا ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركسىتان توغرىسىدا ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.

يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان سۆز قىلدى.

ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندى سۆزىدە، شەرقىي تۈركسىتاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق مەسىلىلىرىنى ئاڭلاتتى، بولۇپمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان دىنىي ئېتىقادقا بولغان چەكلىمىلەرنى كۈچەيتىپ ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، مەسچىتتە ئەزان ئوقۇش، دىنىي مەكتەپ ئېچىش قاتارلىق دىنىي ئېھتىياجلارغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئابدۇلئەھەد ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنى دىنىي ئېتىقادىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركسىتان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، دىنىي پائالىيەت ۋە ئىبادەتلەرنى ئەركىن ھالدا قىلىشىغا روخسەت قىلمايۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتتى.

ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندى مۇسۇلمانلار مەھدىنىڭ كېلىپ ياردەم قىلىشىنى كۈتكەنگە ئوخشاش، تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر مەھدى دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە تۈركىيىنىڭ مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىشىغا تاشقى كۈچلەرنىڭ توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيىنىڭ كۈچلەنمەسلىكى ۋە ياردەم قىلماسلىقى ئۈچۈن ئويۇن ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىن ئاخىرىدا ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئاخىرىدا كاراتېكىن ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ مۇئاۋىن رېكتورى رىزا گۈربۈز ئەپەندى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندىگە تەقدىرنامە تەقدىم قىلدى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا يىغىندا سۆز قىلغان ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.