تۈركىيىنىڭ چورۇم ۋىلايىتىدە «قانىغان يارىمىز شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

2013 - يىلى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تۈركىيىنىڭ چورۇم شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن چورۇم ھىتىت ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «قانىغان يارىمىز شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىن چورۇمدىكى تۇرغۇت يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا چورۇم خەلقى ۋە ھىتىت ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىندا، ھىتىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ياقۇپ جىۋەلەك رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ھىتىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شەھيار، قۇرۇلۇش بىناكارلىق مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەلى روزى، بىلگى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مۇرات ئورخۇن قاتارلىق دوكتورلار سۆز قىلدى.

يىغىندا پروفېسسور دوكتور ياقۇپ جىۋەلەك ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى. ياقۇپ چىۋەلەك سۆزىدە مۇنداق دېدى:

«دىنى ئېتىقاد ۋە پىكىر - چۈشەنچە بىرلىكى ئوخشاش بولغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز بۈگۈنكى كۈندىمۇ خىتاي دۆلىتىنىڭ سىستېمىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇم ئاستىدا ياشىماقتا. بۇ يىغىندا سۆز قىلغۇچىلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىگە ئالاقىدار سۆز قىلىپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ زۇلۇم ۋە بېسىمنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئۇ يەردىكى ھەقسىزلىقلەر توغرىسىدا چورۇم خەلقىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ ۋە بۇ مەسىلە توغرىسىدا چورۇم خەلقنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئورۇن ئېلىشقا تىرىشىدۇ.»

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا يىغىندا سۆز قىلغان ھىتىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شەھيار ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دوكتور ئاتاۋۇللاھ شەھيار ئەپەندى، بۇ يىغىننىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، تۈركىيىنىڭ چەت رايونى بولغان چورۇم شەھىرىدە ياشايدىغان خەلقىگە ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يىغىن بەك ئەھمىيەتلىك بىر يىغىن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.