تۈركىيەنىڭ كونيا ۋىلايىتىدە «شەرقىي تۈركىستانغا ۋاپا» ماۋزۇلۇق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ ۋىلايەتلەردىن بىرى بولغان كونيا ۋىلايىتىدە 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى «شەرقىي تۈركىستانغا ۋاپا» ماۋزۇلۇق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

كونيا ۋىلايىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان ۋەفا - دەر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتكە ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە قاتناشقان ئابدۇسالام تەكلىماكان ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە مۇستەقىللىق كۆرىشى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. كونيا مەۋلانا كۈلتۈر مەركىزىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا 600 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋەفا - دەر جەمئىيىتى رەئىسى فەۋزى يىلماز ئەپەندى بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئاممىۋىي تەشكىلات بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان زېمىنلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىمىز. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا مەقسىتىمىز مۇسۇلمانلارنى تونۇتۇش، مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بېسىمنى كىشىلەرگە ئاڭلىتىش. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان ئۇنچىۋالا زۇلۇم بار تۇرۇپ ئاۋازى دۇنياغا ئاڭلانمايۋاتقان بىر زېمىن. بىز بۇنى بىلەتتۇق، خەلقىمىزگە بۇ مەسىلىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇنداق بىر پائالىيەت ئېلىپ باردۇق. 600 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى ناھايىتى ياخشى ئۆتتى.»

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ياشلار كومىتېتى مەسئۇلى، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەقپىدە تەرجىمە خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئابدۇسالام تەكلىماكان ئەپەندى بەرگەن دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، نۇقتىلىق ھالدا بۈگۈنكى ۋەزىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم سىياسىتى، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاڭلاتقان. يىغىنغا 600 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.

ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغان ۋەفا - دەر جەمئىيىتى رەئىسى فەۋزى يىلماز ئەپەندى دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ناھايىتى پايدىلىق بولغانلىقىنى يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بىلمەيدىغان سانلىق مەلۇماتلارنى بەردى. پەلەستىن مەسىلىسى ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئىدى. ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەھۋالنى ئىسلام دۇنياسىدىكىلەر بىلمەيدۇ. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىستىمىلىق خىتاي يۆتكەش سىياسىتى بار ئىكەن. بۇنىڭغا ئوخشاش مەلۇماتلارنى بەردى، پايدىلىك بىر يىغىن بولدى دەپ ئويلايمەن. يىغىنغا قاتناشقانلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا كىتابچىلار تەييارلاپ تارقىتىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. بىز ئەڭ قىسقا زامان ئىچىدە مۇشۇنداق بىر كىتاب تەييارلاپ تارقىتىشنى ئويلاۋاتىمىز.»

«شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» ياشلار كومىتېتى مەسئۇلى ئابدۇسالام تەكلىماكان ئەپەندى ھازىرغىچە شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، قوجائېلى، چورۇم، سىۋاس قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئون قېتىمدىن كۆپرەك دوكلات بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

كېيىنكى يىللاردا تۈركىيەدە ئوقۇپ يېتىشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ كۆپەيمەكتە. بۇلاردىن بىرى ئابدۇسالام تەكلىماكان ئەپەندى. ئۇ، 1989 - يىلى قەشقەرنىڭ قاغىلىق ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 2000 - يىلى ئوقۇش ئۈچۈن مىسىرغا چىققان. 2004 - يىلىغىچە ئەزھەر ئۈنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 2008 - يىلى مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدىكى ئەزھەر ئۈنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 2008 - يىلىدىن 2011 - يىلىغىچە تۈركىيەدە ئارمىيەسىدە ئەسكەرلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان. 2012 - يىلىدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ياشلار كومىتېتى مەسئۇلى بولۇپ خىزمەت ئۆتەش بىلەن بىرلىكتە، ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەقپىدە كىتاب تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا.