تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېزىشىچە 2011-يىلى سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش باشلىغان كۈندىن بۈگۈنگىچە تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن سۈرىيەلىكلەرنىڭ سانى 3 مىليونغا يەتتى. بۇ تۈركىيەگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور خەۋپ ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگىمۇ خەۋپ ئېلىپ كەلمەكتە. دەمەشق ئىراق ئىسلام تېررور دۆلىتىنىڭ تۈركىيە چېگراسىغا يېقىنلىشىشى، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن رايونلاردىكى تۈركمەن يېزىلىرىنى داۋاملىق ھالدا بومباردىمان قىلىشى كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا تۈركىيە سۈرىيەگە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارارمۇ دېگەن سوئالنى پەيدا قىلدى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيە بىر ھەپتىدىن بۇيان چېگراسىدىن سۈرىيە زېمىنىغا توپ ئوقى ئاتماقتا.
تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۈلازىز ئال سەئۇد بىلەن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشكەن. ئەردوغان تېلېفوندا سۈرىيەدىكى ئەسات ھاكىمىيىتى تەرەپتە تۇرۇۋاتقان كۈرتلەردىن تەركىب تاپقان پ ي د ۋە ي پ گ تەشكىلاتلىرىنىڭ، تۈركىيەدىكى تېررور تەشكىلاتلىرىدىن پ ك ك نىڭ سۈرىيەنىڭ ئازىز رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملىرى، بۇلاردىن باشقا 13-يانۋار كۈنىدىن بېرى تۈركىيەنىڭ سۈرىيەگە توپ ئوقى ئېتىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان.
«ساباھ» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسيەنىڭ خەلەپتە ئېلىپ بېرىۋاتقان بومباردىمانلىرىنىڭ ئۆزىنى قاتتىق ئەندىشىلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەنمۇ تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشۈشى كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا تۈركىيە سۈرىيە زېمىنىغا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنى كىرگۈزەمدۇ دېگەن سوئاللارنى پەيدا قىلدى.
بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى بايان قىلغان تۈركىيەنىڭ «رادىكال» گېزىتى ئوبزورچىسى مۇرات يەتكىن ئەپەندى، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە زېمىنىغا قۇرۇقلۇق قوشۇنى كىرگۈزۈش ئېھتىمالىنىڭ بەكلا تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن تۈركىيەنىڭ سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. مەن ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردا مۇنداق بىر ئوي يوقتەك. ئەمما شۇنى ھەممە ئادەم دەۋاتىدۇ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشوغلىمۇ تەكىتلەۋاتىدۇ. تۈركىيە پەقەتلا ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە كىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ياكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە كىرىشى مۇمكىن. بۈگۈن ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىدىن بىرىمۇ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئىسمىنى ئاشكارىلىماي بۇنداق بىر بايانات بەردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۈركىيەدىن توپ ئوقى ئېتىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. مەنچە تۈركىيە بۇنى توختاتمايدۇ. چۈنكى خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسلانغاندا تۈركىيە زېمىنىغا سۈرىيە تەرەپتىن توپ ئوقى چۈشسە، تۈركىيەمۇ بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك. بۇ يەردە ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئامېرىكىنىڭ رۇسيەنىڭ سۈرىيەدىكى بومباردىمانىنى توختىتىشىدۇر.»
«يېڭى شافاك» گېزىتى ئوبزورچىسى مۇستافا قارائالىئوغلۇ رۇسيەنىڭ سۈرىيەدە ئېغىر جىنايەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى، بۇنى توسۇشنىڭ يولىنىڭ تۈركىيەنىڭ سۈرىيەگە قوشۇن كىرگۈزۈش ئەمەس، ئامېرىكا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيەنى توسۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە ئېغىر دەرىجىدە ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ. كىچىك بىر يېزىغا 500 قېتىم بومبا تاشلايدىغان دەرىجىدە ئېغىر. ئوتتۇرا شەرقتە ھېچقانداق بىر دۆلەت رۇسىيەدەك خالىغانچە بومبىلىمىغان ئىدى. خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى رۇسىيەنى قاتتىق ئەيىبلەۋاتقان بولسىمۇ، پىسەنت قىلماستىن تۈركمەن رايونىنى بومبىلىماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دەرھال قارار ماقۇللاپ توختىتىشى كېرەك. رۇسيەنىڭ تۈركمەنلەرگە قىلىۋاتقان بومباردىمانىنى توسىمەن دەپ سۈرىيەگە كىرسە بولمايدۇ. بۇنىڭ يولى بۇ ئەمەس.»
تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەگە قوشۇن كىرگۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۆز ئالدىغا كىرمەي، ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى ياكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي قوشۇنى بىلەن بىللە كىرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ دائەشكە قارشى كۈرەشتە ئوخشىمىغان قاراشتا بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ، مۇزاكىرە يولى بىلەن ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا 920 كىلومېتىرلىق چېگرا بار بولۇپ، سۈرىيە ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسايىن مۇرەككەپلىشىشى تۈركىيەگە زور سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە.