تۈركىيە-تەيۋەن مۇناسىۋىتى ۋە تۈركىيەنىڭ تەيۋەنگە ئايروپىلان سەپىرى باشلىتىشى

0:00 / 0:00

3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىن تەيۋەننىڭ پايتەختى تەيبېيگە ئايروپىلان سەپىرى باشلاندى. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 109 دۆلەتتىكى، 265 ئۇچۇش نۇقتىسىغا سەپەر باشلاتقان بولدى. تۈرك ھاۋا يوللىرى كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە تەرەققىي قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتىنى ئۆستۈردى.

تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېلان قىلىنغان «تۈركىيە-تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى: ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئايروپىلان سەپەرلىرى>» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، ئالدى بىلەن تەيۋەن ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېيىلگەن:
35.801 كۋادرات كىلومېتىر زېمىنغا، 23 مىليون نوپۇسقا ئىگە بولغان تەيۋەننىڭ رەسمىي ئىسمى خىتاي جۇمھۇرىيىتى بولۇپ، ئۇ شىمالىي سەيپۇرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە ئوخشاشلا خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تۈزۈم تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىۋاتقان بىر دۆلەت. تەيۋەن، 1912-يىلى چىڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان خىتايلار قۇرغان بىر جۇمھۇرىيەت. ئۇلار، 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئېلىپ بارغان ئىچكى ئۇرۇشتا يېڭىلىپ، تەيۋەن ئارىلىغا بېرىپ جايلاشقان ئىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى، ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان تەيۋەن 1971-يىلى بۇ ئىمتىيازلىرىنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىپ قويغان. تەيۋەننىڭ ئورنىغا 1949-يىلى قۇرۇلغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قوبۇل قىلىنغان. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەيۋەننى قانۇنسىز ھۆكۈمەت دەپ قارىماقتا. 1979-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن 1979-يىلى 4-ئايدا «تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى قانۇنى»نى قوبۇل قىلغان ئىدى. مەزكۇر قانۇن ئارقىلىق ئامېرىكا تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش بىلەن بىرلىكتە، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ يۈرگۈزمەكتە. بۇ قانۇنغا ئاساسەن تەيۋەن ئامېرىكىدا، ئامېرىكا تەيۋەندە تىجارىي ۋە مەدەنىيەت ئىش بېجىرىش ئورنى ئاچقان. بۇ ئۆرنەككە قاراپ دۇنيادىكى 57 دۆلەت، تەيۋەن بىلەن ئىقتىسادىي، تىجارىي ۋە مەدەنىيەت ئىش بېجىرىش ئورنى ئاچقان بولۇپ، بۇلار ئەلچىلىك ۋە كونسولخانىلىق رولىنى ئوينىماقتا.

دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ماقالىسىدە، بۈگۈن دۇنيادا 21 دۆلەتنىڭ تەيۋەننى رەسمىي مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەمنىڭ «تۈركىيە-تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى: ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئايروپىلان سەپەرلىرى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، تەيۋەننىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان تىجارىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىرىگە ئانچە نارازىلىق بىلدۈرمىگەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ، تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى دۆلەت مۇداپىئە جەھەتتىكى مۇناسىۋىتىگە خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازغان:
تەيۋەننىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان تىجارىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلىرىگە قارشى چىقمىغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى، تەيۋەننىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان دۆلەت مۇداپىئە جەھەتتىكى مۇناسىۋىتىگە قاتتىق قارشى چىقماقتا. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، ئامېرىكىنى، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا 1972، 1979 ۋە 1982-يىلىدا تۈزگەن توختامنامىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئەيىبلىمەكتە. ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى بولسا، «تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى قانۇنى» ئاساسىدا مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ماقالىسىدە، تەيۋەننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مائارىپى توغرىسىدا سانلىق مەلۇماتلار بىلەن مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن تۈركىيە بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىدىكى تىجارىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
تۈركىيە تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر دۆلەت بولغاچقا، چەتئەل مەبلىغى بىلەن تېخنولوگىيەگە ئېھتىياجى بار. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا تۈركىيە، تەيۋەننىڭ ئىلغار تېخنولوگىيىسى بىلەن ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىشنى خالايدۇ. خەلقئارا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈمدىن چەتكە قېقىلغان تەيۋەن، سىرتقا ئېچىلىش، ئىلغار تېخنولوگىيەسىنى چەتئەلگە سېتىشنى خالايدۇ. خىتاي بازىرىغا باغلىنىپ قالغان تەيۋەن ئىقتىسادىنىڭ يېڭى بازارغا ئېھتىياجى بار. تۈرك ھاۋا يوللىرىنىڭ تەيۋەنگە سەپەر باشلىتىشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىنى قىسقارتتى. ئەمما خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مەسىلىلەر، تۈركىيە بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مۇناسىۋەتكە مەنپىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. تەيۋەننى خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى دەپ قارىغان خىتاي، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىگە قارشى چىقماقتا. خىتاي، تەيۋەننىڭ بۇ خىل مۇناسىۋەتلەردىن پايدىلىنىپ خەلقئارا سەھنىگە چىقىشىدىن ئەنسىرەش بىلەن بىرلىكتە، خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇشىدىن ئەنسىرىمەكتە. بۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ تۈركىيەنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان ساياھەت، تىجارەت ۋە تېخنولوگىيە جەھەتتىكى مۇناسىۋىتى خەۋپكە ئۇچرىمايدۇ.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، «تۈركىيە ھاۋا يوللىرى دۇنيادىكى تۈركىي مىللەتلەر ياشايدىغان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك ئۇچۇۋاتىدۇ، تۈركىيە ئۈرۈمچىگە ئايروپىلان سەپىرى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، تەيۋەنگە رۇخسەت قىلغان خىتاي، ئۈرۈمچىگە نېمىشقا رۇخسەت قىلمايدۇ» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ئەمەسلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاينىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، خىتاي تۈركىيەگە ئىشەنمىگەچكە تۈرك ھاۋا يوللىرىنىڭ ئۈرۈمچىگە ئۇچۇشىغا رۇخسەت قىلمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.