تۈركىيەدىكى سىياسەتچىلەر ئۇيغۇر تىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 36 تىلدا خەلقتىن راي تەلەپ قىلالايدىكەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە دېموكراتىيىلىشىش توغرىسىدىكى پىلانلىرىنى جاكارلىغان ئىدى. دېموكراتىيىلىشىش پىلانىدىكى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ تۈركچىدىن باشقا تىللار بىلەنمۇ سايلام تەشۋىقاتى ئېلىپ بارالىشى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر، تۈركىيەدە قانچە تىل بارلىقى توغرىسىدا مۇنازىرە پەيدا قىلدى. 18-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «خەۋەرتۈرك» گېزىتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇرۇن تۈركىيەنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن سىياسەتچىلەرنىڭ تۈركچىدىن باشقا تىللاردا سايلام نۇتقى قىلىپ، خەلقتىن راي تەلەپ قىلىش مەنئى قىلىنغان ئىكەن، يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسەن بۇندىن كېيىن ئەسكىشەھىر، سامسۇن، ئاماسيا، توكات ۋە دۈزجە ۋىلايەتلىرىدە ئابازا تىلىدا، ماردىن، سىرت قاتارلىق جايلاردا ئەرەب تىلىدا، ئىستانبۇل، خاتاي، دىيارباقىر ۋە كارس ۋىلايەتلىرىدە ئەرمەن تىللىرىدا سايلام نۇتقى قىلىشقا بولىدىكەن. شەھەر باشلىقلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ئۆز تىلىدا بايانات بېرەلەيدىكەن.
«خەۋەرتۈرك» گېزىتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە ئابھاز، ئادىگە، ئەرەب، ئالبان، ئاۋار، ئەزەرى، بوسنىيە، پوماق، بۇلغار، رومان، ئەرمەن، گاگاۋۇز، گرۇزىن، ھەمشىن، ھەرتېۋىن، قاباردەي، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، تاتار، قۇمۇق، كۈرت، ئىسپان، لادىنو، لاز، ئوسەت، ئۆزبېك، پونتۇس، گرېك، سۈريانى، تۈركمەن، تۈرك ۋە ئۇيغۇر تىلى قاتارلىق 36 خىل تىل ئىشلىتىلىدىكەن.
تۈركىيە تىلشۇناسلىق جەمئىيىتى رەئىسى پروف. در. نادىر ئەنگىن ئۇزۇن ئەپەندى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەدە 36 تىلنىڭ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، ئەمما قايسى تىلنى قانچىلىك كىشىنىڭ ئىشلىتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئېنىق سانلىق مەلۇمات يوقلۇقىنى بايان قىلغان. يەنە ئۇنىڭ ئېيتىشىچە 1965-يىلى تۈركىيەدە قايسى تىلنى قانچىلىك كىشىنىڭ ئىشلىتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ستاتىستىكا ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن.
تۈركىيەدە ئىشلىتىۋاتقان تىللار توغرىسىدا «SIL Internationalل» ناملىق خەلقئارا تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان www.ethnologue.com ناملىق تور بېتىدە تۈركىيەدىكى تىللارنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىغان. بىرىنچىسى يەرلىك تىللار. بۇلار: ئەرەبچە، ئەرمەنچە، كۈرتچە، سۈريانىچە ۋە گرېكچە قاتارلىقلار ئىكەن. ئىككىنچىسى كۆچۈش بىلەن پەيدا بولغان تىللار، بۇلار سىرپچە، بۇلغارچە، ئالبانچە ۋە ئۇيغۇرچىغا ئوخشاش تىللار ئىكەن. تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ كىشى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان تىل كۈرتچە، ئەڭ ئاز كىشى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان تىل سامى تىلى ئىكەن.
تۈركىيە تىلشۇناسلىق جەمئىيىتى رەئىسى پروف. در. نادىر ئەنگىن ئۇزۇن ئەپەندى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، 2015-يىلى تۈركىيەدە «يوق بولۇشقا يۈزلەنگەن تىللار» ناملىق خەلقئارالىق چوڭ يىغىن چاقىرىلىدىكەن.
مەزكۇر خەۋەردە ئۇيغۇر تىلى تۈركىيەدە ئىشلىتىلىۋاتقان تىللار قاتارىدا ئالاھىدە كۆرسىتىلگەن. ئۇنداقتا تۈركىيەدە ئۇيغۇرچىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى قانداق؟ سايلامدا ئۇيغۇر تىلىدا خەلقتىن راي تەلەپ قىلىپ نۇتۇق سۆزلەيدىغان سىياسەتچىلەر چىقارمۇ؟ ئۇيغۇرچە تۈركىيەدە ئىشلىتىۋاتقان تىللار سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن تەقدىردە ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلىرى ئېچىشقا، گېزىت-ژۇرنال چىقىرىشقا بولارمۇ؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.