تۈركىيە خىتايدىن ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا ئېچىشنى يەنە تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن باشلىقى، سابىق مىنىستىر مەھمەت ئەلى شاھىن پارتىيەسىنىڭ مەركەز بىناسىدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ھەيئىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تۈركىيەنىڭ ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا ئېچىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، مەھمەت ئەلى شاھىن ئۇچرىشىشتا ئالدى بىلەن سۆز قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ھەيئىتىنى پارتىيە مەركىزىدە كۈتۈۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئىنتايىن خۇشاللىق ئىچىدە ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن:
‏-يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى 28 مىليارد دوللارلىق سودا ھەجمىنى 2015-يىلىدا 50 مىليارد دوللارغا، 2020-يىلىغا كەلگەندە 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىۋاتىمىز.

تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن باشلىقى سابىق مىنىستىر، پارلامېنت باشلىقى مەمەت ئەلى شاھىن ئەپەندى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ھەيئىتى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا ئېچىشنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:
‏-بىزنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىمىز بولغاچقا، ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن خەۋەرلەر تۈركىيەدە ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلارنى پەيدا قىلماقتا. شۇڭا ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا ئاچساق، ناتوغرا خەۋەرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز.

تۈركىيە ئۇزۇن يىلدىن بېرى ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا ئېچىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، خىتاي قوبۇل قىلماي كەلمەكتە، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇندىن كېيىن رۇخسەت قىلىش ئېھتىمالى بارمۇ؟ يېقىنقى يىللاردىن بېرى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ تۈركىيە 2020 ‏- يىلىدا خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت سوممىسىنى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالارمۇ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەنىڭ ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا ئېچىشىغا، خىتاينىڭ رۇخسەت قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى، چۈنكى كېيىنكى يىللاردا خىتاينىڭ تۈركىيەگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئاشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۈچەيسە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئەمما شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇر سۆيگۈسىدىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەتكە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.