ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيەنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىشقا باشلىدى. بەزى سىياسىي پارتىيىلەر پارتىيىسىنىڭ سايلام باياننامىلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىشكە باشلىدى. بۇلاردىن بىرى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەردىن بىرى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىدۇر.
سابىق دۆلەت مىنىستىرى ۋە پارلامېنت ئەزاسى رېشات دوغرۇ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى نۇرغۇن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى. ئۇ، كېيىنكى يىللاردا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ چىدىغۇسىز ھالغا كەلگەنلىكىنى، ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى قۇمغا كۆمۈۋالغان قۇشتەك خىتاينىڭ بۇ زۇلۇمىنى كۆرمەيۋاتقانلىقىنى، پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىدە مۇھىم ئورۇن بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. تۆۋەندە ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
سوئال: ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى تۇتۇپ كېتىلدى، ئابدۇۋېلى ئايۇپ تۈرمىدە، خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى يەنىلا تىنماي داۋاملىشىۋاتىدۇ، سىز بىر پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان ۋەقەلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. بۇنى تۈركىيەدىكى ئىنسانلارلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئەيىبلىشى كېرەك. كېيىنكى 5 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى چىدىغۇسىز ھالغا كەلدى. بۇ سەۋەبتىن خىتاينى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىشى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ۋەقە. ئەسلىدە بۇنىڭغا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشى كېرەك ئىدى. خىتاينىڭ ئىلھام توختىغا قىلغانلىرى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قىلغان ناھەقچىلىك، پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا قىلغان ناھەقچىلىك ھېسابلىنىدۇ. ئىلھام توختى خىتاي قانۇنىنىڭ قايسى ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغان؟ نېمە جىنايەت سادىر قىلىپتۇ؟ ئۆز پىكرىنى بايان قىلىش بۈگۈنكى كۈندە قەيەردە گۇناھ ھېسابلىنىدۇ؟ ھېچقانداق بىر دۆلەت بۇ خىل يوللار بىلەن كىشىلەرنى بويۇن ئەگدۈرەلمەيدۇ، ئۆز دەۋاسىدىن ۋاز كەچكۈزەلمەيدۇ. بىز ھەر دائىم ئۇيغۇرلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز. مەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، ئەمما شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز شۇنى بىلسۇنكى، تۈركىيەدىكى 76 مىليون ئىنسان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ. ئەگەر بەزى سىياسىي پارتىيىلەر خىتاينى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلماي جىم تۇرۇۋاتقان بولسا، ئۇلار خىتايغا جىم تۇرۇپ نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتىدۇ دېسەڭلار بولىدۇ. مەن يەنە بىر قېتىم شۇنى دېمەكچىمەنكى، خىتاي ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بەرسۇن، ئىلھام توختى، ئۆز خىزمىتىگە قايتسۇن.
سوئال: ھۆرمەتلىك سابىق دۆلەت مىنىستىرى، پارلامېنت ئەزاسى رېشات دوغرۇ ئەپەندى، سىزمۇ دەپ ئۆتكەندەك ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ناھايىتى ئېغىر، تۈركىيە پارلامېنتىدە بۇ ھەقتە كونكرېت نېمىلەرنى قىلىشنى ئويلاۋاتىسىز؟
جاۋاب: بىز يىل بېشىدا پارلامېنتنىڭ ئىنسان ھەقلىرى كومىسسىيىسىگە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ تەكشۈرۈش توغرىسىدا دوكلات سۇنغان ئىدۇق. ئىنسان ھەقلىرى كومىسسىيىسى بۇ ھەقتە قارار ماقۇللىغان ئىدى. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. تۈرك دۇنياسىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا تۈركىي خەلقلەرگە قارشى بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. مەسىلەن بۈگۈن ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ ۋىلايىتى ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالى ئاستىدا، ئىراقنىڭ مۇسۇل، كەركۈك، تۇزۇلماتۇ قاتارلىق جايلىرىدىكى تۈركمەنلەر ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تۈركمەنلەر قەتلە قىلىنىۋاتىدۇ. سۈرىيەنىڭ شىمالىدىن لاسكىيەگىچە بولغان جايلاردا تۈركلەر ياشايدۇ. بۇ جايلاردا بەزىلەر شام دۆلىتى نامىدا دۆلەت قۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ يەرلەردە ئېزىلىۋاتقان زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان كىشىلەر يەنىلا تۈركلەر. ئىنسان ھەقلىرى دېموكراتىيە دەپ جار سالغان غەرب دۆلەتلىرى، تۈركلەر زۇلۇمغا ئۇچرىسا ئاۋازىنى چىقارمايدۇ. ئەسلىدە خىتاينىڭ ئىلھام توختىغا قىلىۋاتقان زۇلۇمى يۇقىرىدا مەن دەپ ئۆتكەن تۈركىي خەلقلەرگە قىلىۋاتقان زۇلۇمدۇر. مەن پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇر تۈركلىرى دۇچار بولۇۋاتقان بۇ زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىكنى داۋاملىق ھالدا تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىۋاتىمەن. مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنلىرى چاقىرىۋاتىمىز. ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىۋاتىمىز. بۇ ھەقتە ئالدىمىزدىكى ھەپتە تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى بىلەن سۆزلىشىپ، ھەممە سىياسىي پارتىيىلەرگە بۇ مەسىلىنى ئاڭلىتىپ، ھۆكۈمەتكە تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشىمىز.
سوئال: ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزاسى رېشات دوغرۇ ئەپەندى ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئوتتۇرا شەرق ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى مەسىلىلەر ئاساسىي ئورۇندا، بۇ سايلامدا پارتىيىڭىز ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسە، تاشقى سىياسىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بېرەمدۇ؟
جاۋاب: پارتىيىمىزنىڭ سايلام خىتابنامىسىدىمۇ دېيىلگەندەك، بىز 300 مىليون نوپۇسقا ئىگە تۈرك دۇنياسى بىلەن بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە سۆيگۈ ئىچىدە ياشاشنى ئۆزىمىزگە دەستۇر قىلغان بىر سىياسىي ھەرىكەت. بىزنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىغا كۆز تىككىنىمىز يوق. بىزنىڭ تەلىپىمىز پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆز زېمىنىدا ئەركىن-ئازادە مۇستەقىل ياشىشىدىن ئىبارەت. خۇدا بۇيرۇسا بىز تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسەك تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچىمىزنىڭ بارىچە تىرىشىمىز. بىزنىڭ تاشقى سىياسىتىمىز تۈرك دۇنياسىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرى بولغاچقا ئەلۋەتتە بىزنىڭ تاشقى سىياسىتىمىزدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلىدۇ دېگەن گەپ. بۇ ھەقتە پارتىيىمىزنىڭ تەپسىلىي يېزىلغان پىلان ۋە پروگراممىسىمۇ بار.