تاييىپ ئەردوغان: ئۇيغۇرلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھېچقانداق ئىشنى قىلمايمىز

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان تەقدىردىمۇ ئۇيغۇرلارغا زىيان يېتىدىغان ھېچقانداق ئىشنى قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

0:00 / 0:00

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قەيسەرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر زىياپەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ «سىزنىڭ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تۈركىيىنى ئالسا، تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىدۇ، دېيىشىڭىز بەزى ئۇيغۇرلارنى ئەنسىرەشكە سالدى. سىز بۇنىڭغا قانداق چۈشەنچە بېرىسىز؟» دېگەن سوئالىغا «بىز ھەر دائىم ئېزىلگۈچىلەرنىڭ يېنىدا. ئۇيغۇرلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھېچقانداق ئىشنى قىلمايمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن.

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتناشقان قەيسەرى بىر زىياپەتكە د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈركمۇ قاتناشتى. 2013-يىلى 11-فېۋرال، تۈركىيە.
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتناشقان قەيسەرى بىر زىياپەتكە د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈركمۇ قاتناشتى. 2013-يىلى 11-فېۋرال، تۈركىيە. (RFA/Erkin Tarim)

2013-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، قەيسەرىنىڭ ئەرجىيەس تېغىدىكى بىر ساياھەت رايونىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قەيسەرىگە بارغاندا، قەيسەرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، كۆك بايراق كۆتۈرۈۋالغان بىر توپ ئۇيغۇر، مىللىي كىيىملىرىنى كىيگەن ھالدا رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى كۈتۈۋېلىشقا چىققان. كېيىن، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە بىر نەچچە ئۇيغۇر رەھبەرلىرى بۇ زىياپەتكە قاتناشقان.

بۇ ئۇچرىشىشتا سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالىمىنى ئەردوغانغا يەتكۈزگەن. ئۇلار زىياپەت جەريانىدا يەنە ئەردوغاندىن سوئال سوراش ۋە ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ھالىنى چۈشەندۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىدىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق.