6 - يانۋار كۈنى تۈركىيە «يېڭىچاغ» گېزىتىدە «ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلىندى. تۈركىيەنىڭ سابىق دۆلەت مىنىستىرى سادى سومۇنجۇئوغلۇ يازغان مەزكۇر ئوبزور مۇنداق باشلىنىدۇ: «رەئىس جۇمھۇرى رەجەپ تاييپ ئەردوغان بىلەن خىتايغا بارغان ۋەردا ئۆزەر خانىم خىتاي تەسىراتلىرىنى ‹ھۆرىيەت› گېزىتىگە يازغان ئىدى. ئۇ 2015 - يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ۋە 2016 - يىلىنىڭ 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن ئىدى. بۇ مەسىلە مۇھىم بولغاچقا بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختالماقچىمەن. ۋەردا ئۆزەر خانىم ماقالىسىدە ‹خىتاي ئۇيغۇرلارغا بېسىم قىلىۋاتىدۇ. روزى تۇتۇشىنى، ئىبادەت قىلىشىنى چەكلەۋاتىدۇ، دېگەن خەۋەرلەر ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ رامىزان ئېيىدا بۇ خىل ئەھۋاللار داۋاملىق تەكرارلىنىدۇ. مەزكۇر خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرۈلگەنلەر توغرىمۇ؟› دەپ سورايدۇ. سوئالىغا ئۆزى جاۋاب بېرىپ: ‹خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بارمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىسپاتى خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىككى بالا تۇغۇشقا رۇخسەت قىلىدۇ. خىتايلارغا بىرلا پەرزەنت تۇغۇشقا رۇخسەت قىلىدۇ› دەپ يازىدۇ.»
سابىق دۆلەت مىنىستىرى سادى سومۇنجۇئوغلۇ ئەپەندى يېڭىچاغ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ئوبزورىدا ژۇرنالىست ۋەردا ئۆزەر خانىمنىڭ خىتاي ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم ئېلىپ بارمايدىكەن دېگەن كۆز قارىشىغا رەددىيە بىلدۈرۈپ، خىتايلار پۈتۈن خىتاي نوپۇسىنىڭ 94% تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي دۆلىتىنىڭ ستاتىستىكىلىرىغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 9 يېرىم مىليون ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، تۈركلەر ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 20 مىليون ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى پەرزەنت تۇغۇشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، زۇلۇم يوق دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
سابىق دۆلەت مىنىستىرى سادى سومۇنجۇئوغلۇ ئوبزورىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاتتىق زۇلۇم ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ دىنىي ئىبادەتنى قاتتىق چەكلەۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچىسى، كادىرلارنىڭ، ئىككىنچىسى، دەم ئېلىشقا چىققانلارنىڭ، ئۈچىنچىسى، ئاياللارنىڭ، تۆتىنچىسى، كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرىنىڭ، بەشىنچىسى، 18 ياشتىن كىچىكلەرنىڭ، ئالتىنچىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى چەكلىگەنلىكىنى يازىدۇ. بۇنداق تۇرۇقلۇق قانداقمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلمايدۇ دېگىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
ئوبزوردا خىتاي دۆلىتىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسىنى چەكلىگەنلىكىنى، ئەمما 1933 - يىلى قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، 1944 - يىلى غۇلجادا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخقا باي مەدەنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇنداق بىر مىللەتنى ھېچقانداق كۈچنىڭ يوق قىلالمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. خىتاي بۇ ئاتالغۇنى چەكلەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈۋەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
خىتاي رەھبەرلىرى تۈركىيە دۆلەت رەھبەرلىرىگە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بارمىغانلىقىنى، خىتايغا بىر پەرزەنت تۇغۇشقا رۇخسەت قىلسا، ئۇيغۇرلارغا ئىككى بالا تۇغۇشقا رۇخسەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئۇنىۋېرسىتېت ئىمتىھانلىرىدا نومۇر قوشۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتلىرىغا بەزى تۈرك سىياسەتچىلەر ۋە ژۇرنالىستلار ئىشىنىپ قېلىپ، بۇ ھەقتە ئوبزورلار يازماقتا. بۇلارغا ئىشىنىپ قېلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇنداق تەتۈر تەشۋىقاتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تەتقىقاتچى يازغۇچى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى ۋە ئابلىز ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، سابىق دۆلەت مىنىستىرى سادى سومۇنجۇئوغلۇ ئەپەندى 2001 - يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى جاڭ زېمىنغا دۆلەت مېدالى بېرىش قارارىغا قول قويغىلى ئۇنىمىغان مىنىستىرلاردىن بىرى ئىدى.
0:00 / 0:00