تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى: ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت، دىنى ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن تىرىشىمىز

0:00 / 0:00

3 كىشىلىك ئۇيغۇر ھەيئىتى تۈركىيە پالامېنتىنى زىيارەت قىلىپ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.

ئوسمان ئەپەندى، بىر پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

2013 - يىلى 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى 3 كىشىلىك بىر ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ، تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پروفېسسور مۇستافا شەنتوپ ۋە ئوسمان ئەپەندى قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ئۇچراشتى.

ئوسمان ئەپەندى، بىر پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

بۇ ئۇچرىشىشلاردا ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتنى سۇندى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىشتىكى ئاساسى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ : يىقىندىن بۇيان خىتاي دىپلوماتلىرى تۈركىيىدە قاتراپ يۈرۈپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ ئالدىنى توسۇش ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خۇنىكلەشتۈرۈش ئۈچۈن بىر قىسىم دىپلوماتىيە پائالىيەتلەر قىلىۋاتلىقىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پالامېنت ئەزالىرى ۋە مىنىستىرلىرىنىڭ خىتاي دىپلوماتلىرى تەرىپىدىن سۇنۇلغان خاتا مەلۇمات ۋە تەتۇر تەشۋىقاتلىرىغا ئىشىنىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات سۇنغانلىقىنى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيە كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ۋە زىيارەتنىڭ ئۆزى كۈتكەندەك مۇۋاپىق ئاخىرلاشقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يەنە تۈركىيە باش مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق، « تۈركىيە سىرتىدىكى قېرىنداش تۈرك خەلقلەر ئىشلىرى» ئىدارىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە بۇ ئىدارىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى رامىزان چوكچېۋىك ئەپەندى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇيغۇر ھەيئەت يەنە بىر قانچە مۇھىم دۆلەت ئورگانلىرىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ زىيارەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

بىز بۇ زىيارەت جەرىيانىدا تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ئوسمان ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. «ئوسمان ئەپەندى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى چۈشەنچىڭىز قانداق؟ سىز بىر پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزىنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى جار سېلىۋاتىدۇ ۋە باشقا رايونلاردا قانداق سىياسەت يۈرگۈزىۋاتقان بولسا شەرقىي تۈركىستاندىمۇ ئوخشاش سىياسەت يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتىدۇ، بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىنى ئېتىقاد ۋە مىللىي ئەركىنلىك جەھەتتە مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلىمىز. بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بۇ مەسىلىلەرگە ئالاقىدار قېرىنداشلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلدۇق، شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆز ھەق - ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولغان ھالدا مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىجتىمائىي ھاياتىنى داۋام قىلىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېچىلىشىچە تىرىشىۋاتىمىز. تۈركىيىدە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ، بۇ ئۇيغۇرلار خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ ئۆز ۋەتىنىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىنسانلاردۇر. بىز شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن، پاراۋان، دىنى ئېتىقاد، مىللىي مەدەنىيەتلىرىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ھالدا ياشىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بىزنىڭ ھۆكۈمەت پۈتۈن دۇنيادا قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت قۇرۇشنى خالايمىز، مەۋجۇت بولغان ئىنسانىي قىممەت، مىللىي مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەتلەر بويىچە ياشاش ئۈچۈن نېمە كېرەك بولسا شۇنى قىلىمىز، يېقىن كەلگۈسىدە ئىنسانلار يوق بولۇپ كېتىش ئەمەس، بەلكى مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغدىغان ھالدا ياشايدىغان شارائىتلارغا بولىدۇ. ئىنسانىيەت تارىخى داۋاملىق ئىنسانلار بىر - بىرىنى يوق قىلىش بىلەن يېزىلغان، بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلارنى يوق قىلىش ئۇسۇلى تارىختىكىگە ئوخشاش ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەمەس، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، باشقا مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى يوق قىلىش، ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى زورلاپ تېڭىش، ئېرىتىش بىلەن داۋام قىلىۋاتىدۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، خىتاي ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئىچكى مەسىلە دەپ دۇنياغا ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىز ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئۆز مىللىي قىممەت - قاراشلىرى، دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئىجتىمائىي ھايات، ئۆرۈپ - ئادەت ئۇسۇللىرى بىلەن ياشايدىغان بىر ئۆلكە ھالغا كېلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز ۋە ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىمىز.