تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان: «مىڭلىغان ئۇيغۇرنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇردۇق»


تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھازىرغىچە مىڭلىغان ئۇيغۇرنى تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېلىش ئارقىلىق ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ 18 - ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا، پارتىيەسىنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرىگە قىلغان نۇتقىدا، ئۆكتىچى پارتىيە ۋە باشقا بەزى گۇرۇھلارنىڭ ئۆتكەنكى سايلامدا پارتىيەسىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مەقسىتىنىڭ خەلق رايىنى 30% ئاستىغا چۈشۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، باشقىلارنىڭ، ھۆكۈمەت ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئىگە چىقمىدى دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ھازىرغىچە مىڭلىغان ئۇيغۇرغا پۇقرالىق بېرىش ئارقىلىق ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

- دۆلىتىمىزگە كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئىگە چىقتۇق. ئۆتكەندە ئايرودرومدا 18 كۈن ساقلاپ قالغان ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقمىدىڭلار دەپ بىزنى ئەيىبلىدى. ئاخىرىدا قانداق بولدى؟ كىم بۇلارنى تۈركىيەگە قوبۇل قىلدى؟ بىز قوبۇل قىلدۇق. سەن م ھ پ لىدىرى بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن نېمە قىلالايسەن؟ بۇلار بىزنىڭ ئىشىمىز، ئۇيغۇرلارنى يەنە بىز پۇقرالىققا ئالدۇق.

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 18 - ئاپرېل كۈنى پارتىيەسىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا قىلغان بۇ نۇتقى تۈركىيەدىكى پۈتۈن تېلېۋىزىيە قاناللىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندىن تارقىتىلدى.

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ سۆزى ئۇيغۇرلارنى بەكلا خۇرسەن قىلدى. ئەردوغان دېگەندەك ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتى راستىنلا مىڭلىغان ئۇيغۇرنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇردىمۇ؟ ئۇيغۇرلار تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن يەنە نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىردەك، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىچكى سىياسىتىدىمۇ ئورۇن ئالغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى دېدى.