23 - ئاپرېل كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ بايراملىرىدىن بىرى بولغان مىللى مۇستەقىللىق ۋە بالىلار بايرىمى. بۇ بايرامغا ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، ئوتتۇرا شەرق ئەرەب دۆلەتلىرى، بالقان، كافكازيە دۆلەتلىرى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ۋە خىتاي قاتارلىق 30 ئەتراپىدا دۆلەتتىن كۆپ ساندا بالىلار قاتناشماقتا.
ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن 6 ياشلىق كىچىك مۇجاھىت قەشقەرلى تۈركىيەنىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيەسى بولغان ت ر ت ئاۋاز قانىلىغا چىقىپ پۈتۈن بالىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى شۇنداقلا ئىستانبۇل قەيسەرى قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر بالىلارمۇ بالىلار بايرىمىنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزمەكتە.
تۈركىيە جۇمھۇرىيەتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك، ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە يېتىم قالغان بالىلارنى سۆيۈندۈرۈش مەقسىتى بىلەن 23 - ئاپرېل كۈنى چوڭ مۇراسىم ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ كۈننى 1923 - يىلى بالىلار بايرىمى دەپ ئېلان قىلغان ئىكەن.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى 1923 - يىلى، 23 - ئاپرېل كۈنى تۈركىيە پارلامېنتى قۇرۇلغان بولغاچقا بۇ بايرامنىڭ نامىنى مىللى مۇستەقىللىق ۋە بالىلار بايرىمى دەپ ئاتىغان ئىكەن. 1979 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن - مەدەنىيەت مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن خەلقئارالىق بالىلار بايرىمى دەپ ئېلان قىلىنغان. 1979 - يىلىدىن بېرى تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى نۇرغۇن دۆلەتتىن بالىلارنى تۈركىيەگە ئەكىلىپ تەنتەنىلىك ھالدا بۇ بايرامنى ئۆتكۈزمەكتە. بۇ كۈنى تۈركىيەدىكى بالىلار بىر قانچە مىنۇت دۆلەت رەئىسى، باش مىنىستىر، مىنىستىر ۋە ۋالىلارنىڭ ئورۇندۇقىغا ئولتۇرۇپ مىنىستىر بولۇپ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ.
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر بۇ بايرامنى قانداق ئۆتكۈزدى؟
1991 - يىلى سابىق خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى رەئىسى سەيپىدىن ئەزىز بۇ بايرامغا قاتناشقاندا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر بالىلارنى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ھازىرغىچە ئۇيغۇر بالىلار قاتنىشالمىدى. بۇ بوشلۇقنى 6 ياشلىق مۇجاھىت قەشقەرلى تولدۇردى. ئۇيغۇر دىيارىدىن يېڭى كەلگەن فاتىما خانىم بۇ بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر بوۋاقلارنى ئانىسىنىڭ قوسىقىدىلا ئۆلتۈرىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ بايرام قىلىش ھوقۇقىنىلا ئەمەس، ياشاش ھوقۇقىنىمۇ تارتىۋېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇيغۇر زىيالىيسى مىركامىل قەشقەرلى بولسا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر بالىلار قاتنىشالمىغان بۇ بايرامغا بالىسىنىڭ قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنى تونۇتقانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى بەكلا بەخىتلىك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
0:00 / 0:00