تۈركىيە دېموكراتىك سول پارتىيە پارلامېنت ئەزا نامزاتى سەيفى ئەرگۈل ئەپەندى، پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە يۈرگۈزىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. سەيفى ئەرگۈل ئەپەندى 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئۆتكەن ئاي ئۆزىنىڭ خىتايغا بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەقىلگە سىغمايدىغان بېسىم سىياسىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى، بۇنچىلىۋالا بېسىمغا قاراپ تۇرغان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ ھۆكۈمەت قۇرۇپ قالسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلمىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بىز ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىگىلەش ئۈچۈن سەيفى ئەرگۈل ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سوئال: سىز قاچان خىتايغا باردىڭىز، نېمىلەرنى كۆردىڭىز؟
جاۋاب: مەن ئۆتكەن ئاي خىتايغا باردىم. ئۇ يەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىم بىلەن بىر مېھمانخانىدا ئۇچرىشىپ ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. ئۇيغۇرلارنىڭ دەردى بارلىقىنى بىلەتتىم. ئەمما بۇنچىلىۋالا ئېغىر زۇلۇم بېسىم ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. مەن ئۇلار تارتىۋاتقان ئېغىر بېسىم ۋە زۇلۇمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتىپ كېلىپ تۈرك خەلقى بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلدىم. چۈنكى بىز دېموكراتىك سول پارتىيەنىڭ بۇ خىل مەسىلىلەردىكى سىياسىتى قېرىنداشلىرىغا ئىگە چىقىش، پۈتۈن ئىمكانلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشقا تىرىشىشتىن ئىبارەت. سىزگىمۇ مەلۇم، بىز تۈركلەر ھېچقاچان باشقا مىللەتلەرنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىدا قالمىدۇق، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا ياشىشىنى قوبۇل قىلمايمىز.
سوئال: سىز پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانسىڭىز، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشنى ئويلاۋاتىسىز؟
جاۋاب: ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ مىللىي كىملىكلىرى قوللىرىدىن تارتىۋېلىنماقتا. بۇنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىدىم. ئۆيلىرىگە قايتقاندا تىزىمغا ئالدۇرىدىكەن. كىملىكلىرى، يانفونلىرى تارتىپ ئېلىنىپ تەكشۈرىلىدىكەن، بەرمىسە تۇتۇپ سولاپ قويىدىكەن. مەن خىتاينىڭ قېرىنداشلىرىمغا قىلىۋاتقان بۇ زۇلمىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايمەن. بىز تۈركىيەدە سايلانساق، بۇ ھەقسىزلىكلەرگە خاتىمە بەرگۈزۈش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز.
سوئال: سىز پارلامەنت ئەزاسى نامزىتى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: مەن بىزنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىزنى ئەيىبلەيمەن. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تېلېفونلىرى خالىغانچە تارتىۋېلىنىدىكەن. خىتاي ئۇلارغا زوراۋانلىق قىلىۋېتىپتۇ. ئۇلارنى ئۇرىدىكەن، ئەمما تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز ھېچقانداق بىر ئىش قىلماپتۇ. مەن بىر تۈرك پۇقراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولىدۇ. مەن بىر تۈرك بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنى ماڭا قىلىنغان زۇلۇم دەپ قارايمەن. مەن رادىيوڭىز ئارقىلىق شۇنى دېمەكچىمەنكى، ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن.
سوئال: ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ باقتىڭىزمۇ؟
جاۋاب: ئۇيغۇر تۈركلىرىنى خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىگە تەكلىپ قىلدىم. ئۇ يەردە ئۇچراشتىم. شەرقىي تۈركىستانغا بارسام خىتاي خاتا چۈشىنىپ قالىدۇ دەپ ئويلىدىم.
سوئال: سايلام يېقىنلىشىپ قالدى، سايلامدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى قانداق بولار؟
جاۋاب: تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى بەلگىلىگىلى بولىدۇ. چۈنكى تۈرك مىللىتى بۈيۈك بىر مىللەت. تۈركلەر تۈركىيەدىن ئىبارەت ئەمەس. تۈركلەرنىڭ ئەزەربەيجانغا ئوخشاش كۆپ ساندا دۆلىتى بار. قېرىنداشلىرىمىزنى كىم بوزەك قىلسا ئۇنىڭغا قارشى چىقىمىز. تۈركلەر قەدىمدىن بۈگۈنگىچە باشقا مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا، ئۆرپ ۋە ئادەتلىرىگە، ھەق - ھۇقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ كەلگەن بىر مىللەت. بىزمۇ باشقىلارنىڭ بىزنىڭ ھەق ۋە ھۇقۇقلىرىمىزغا ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
0:00 / 0:00