12-ماي كۈنى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان 11-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىشى پائالىيىتىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ياشلاردىن دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان ۋە تاھىر كۆكبايراق قاتارلىقلار تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى ۋە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.
مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتلىرى فېدراتسىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە «خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىىشى» نامىدا ھەر خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر پائالىيەت 4 -ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىپ، 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىستانبۇلدا يېپىلدى. يېپىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييپ ئەردۇغانمۇ قاتناشتى ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.
بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان «شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى، مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرانتى ئابدۇسالام تەكلىماكان بۇ ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ھېچ قانداق بىر تەلەپ ۋە ياكى ئىلتىماس سۇنۇشقا پۇرسەت تاپالمىغانلىقىنى، ئەمما تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەندە ئۆزىنى «شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر» دەپ تونۇشتۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.
چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز-ئارا تونۇشۇشى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە مۇناسىۋەت ئورنىتىشى مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان «خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىشى» پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ كاستامونۇ، كونيا، ئادانا، سامسۇن، بۇرسا، ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، كۆرگەزمە ئاچتى.
ئىستانبۇلنىڭ پېندىك رايونىدا ئېچىلىغان كۆرگەزمىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن «شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى جەمئىيىتى» كۆرگەزمە ئاچقان بولۇپ، بۇ جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان ۋە مۇئاۋىن رەئىسى تاھىر كۆكبايراق قاتارلىقلار خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار فېدراتسىيەسى تەرىپىدىن 12-ماي كۈنىدىكى مەزكۇر پائالىيەتنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىنغان ۋە باشقا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەن.
خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتلىرى فېدىراتسىيەسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەزكۇر پائالىيەت 45 دۆلەتتىكى 75 شەھەردە ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلدى.
يېپىلىش مۇراسىمىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردۇغان سۆز قىلىپ، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىقامەت ئېلىش ئۈچۈن ساقچى ئىدارىسىگە ياكى كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسىگە بارماستىن، بەلكى ئۆزلىرى ئوقۇۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىۋاسىتە ئىقامەت روخسىتى ۋە خىزمەت قىلىش روخسىتى ئالالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى مېھمان ئوقۇغۇچىلارغا خىزمەت قىلىش رۇخسىتى بېرىلمەيتتى. بىر قانچە ئاي ئىلگىرى بۇ ھەقتە بەزى ئۆزگىرىشلەر ئېلىپ بېرىلدى. ئىنشائاللا، پات يېقىندا ھەم ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھەم ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ئۈچۈن ئىشلەش رۇخسىتى مەسىلىسى ھەل بولىدۇ. ئەمدى تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان 115 مىڭ چەتئەللىك مېھمان ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئىقامەت كىنىشكىسىنى كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسىگە بارماستىن، ئۆزلىرى ئوقۇۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئالالايدۇ.» ئەردوغان يەنە تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى ئىمكانىيەتلەر يارىتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى، دوكتۇرانت ئابدۇسالام تەكلىمان ۋە بۇ جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى شۇنداقلا فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى تاھىر كۆكبايراق بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئابدۇسالام تەكلىماكان بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتلىرى فېدراتسىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن پېندىكتە ئېچىلغان مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ كۆرگەزمە ئاچقانلىقىنى ۋە بۇ كۆرگەزمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تاھىر كۆكبايراق ئۆزىنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئابدۇسالام تەكلىماكان بىلەن ئىككىمىز تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردۇغان بىلەن ئۇچراشتۇق. ئۇ يەردە ئادەملەر كۆپ بولغاچقا پەقەت ئۆزىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمىزنى ئۇقتۇرالىدۇق. ئەمما ئەردوغان بۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە بارماستىن ئۆزلىرى ئوقۇۋاتقان مەكتەپلەردىن ئىقامەت روخسىتى ئالالايدىغانلىقىنى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا يەنە ئىشلەش روخسىتى بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن بىزمۇ ناھايىتى خۇرسەن بولدۇق.»
خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتلىرى فېدراتسىيەسى 2005-يىلى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر بۇ فېدىراتسىيەگە 62 ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتلىرى ۋە 25 ۋاكالەتچى ئەزا بولۇپ ئورۇن ئالغان.
0:00 / 0:00