تۈرك پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت خىتاي كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن خىتايغا بارغان.
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، خىتايغا زىيارەت ئېلىپ بارغان ھەيئەت تەركىبىدە پارلامېنت ئەزالىرىدىن رامازان جان، نەسرىن ئۇلەما، فاتىخ خان ئۈنال، رەجەپ ئۆزەل ۋە بۈلەنت تۇران قاتارلىقلاردىن باشقا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ياشلار كومىتېتى رەھبەرلىرىدىن ئەخمەت قىلىچ، نەسلىخان جەنك قاتارلارمۇ ئورۇن ئالغان. خىتايغا زىيارەت ئېلىپ بارغان 30 كىشىلىك ھەيئەت تەركىبىدە تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىلىرىدىن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىدىنمۇ ئوندىن 20 غىچە پارلامېنت ئەزاسى بار ئىكەن.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە خىتايغا زىيارەت ئېلىپ بارغان بۇ ھەيئەت، بېيجىڭ، شاڭخەي، ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق جايلارنىمۇ ئېكسكۇرسىيە قىلغان. تۈرك پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ياش سىياسەتچىلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنستىتۇتى، قەشقەردىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەخمۇت قەشقىرىنىڭ مەقبەرىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشكەن.
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ياشلار كومىتېتى مەسئۇلى نەسلىھان جەنك خانىم بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«زىيارىتىمىزنىڭ مەقسىتى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچەيتىش ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشتىن ئىبارەت. بىزنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تەكلىپ قىلدى. تۈركىيەدىكى 3 چوڭ پارتىيىدىن 30 كىشى بۇ قېتىمقى زىيارەتكە ئىشتىراك قىلدۇق. 10 كۈندە بېيجىڭ، شاڭخەي، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق ۋە خىتاينىڭ ئالىي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتۇق.»
نەسلىخان جەنك خانىم ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنىڭ خېلى ياخشىلىنىپ قالغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كۆزىتىپ كەلگەن ئىدۇق. ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىكى ئۇ جىددىي ۋەزىيەت خېلى جىمىپ قاپتۇ. ۋەزىيەت ئانچە جىددىي ئەمەس ئىدى، خۇرسەن بولدۇق.»
تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ياشلار كومىتېتى مەسئۇلى نەسلىخان جەنك خانىم ئۇيغۇر رايونىدا بەزى چەكلىمىلەرنىڭ بارلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئۇ يەردە بەزى چەكلىمىلەرنىڭ بارلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. خىتاي رەھبەرلەر بىلەن ئۇچراشقاندا بۇ چەكلىمىلەرنىڭ ئازىيىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. يېقىن كەلگۈسىدە بۇ چەكلىمىلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى رەھبەرلىرى تۈركىيەدىكى ھەرقايسى سىياسىي پارتىيىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەر يىلى كۆپ ساندا سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرىنى خىتايغا تەكلىپ قىلىپ ئاپىرىپ كۈتۈۋالماقتا. بولۇپمۇ، تۈرك رەھبەرلەرنى ئۈرۈمچى ئىسلام ئىنستىتۇتى ۋە قەشقەردىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەخمۇت قەشقىرىنىڭ مەقبەرىلىرىنى زىيارەت قىلدۇرۇشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. بۇ قېتىمقى ھەيئەت بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا بارغانلارنىڭ كۆپى خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىنىڭ بىلىنىپلا تۇرغانلىقىنى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى چەكلىمىلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. ئۇنداقتا خىتاينىڭ بۇ خىل پائالىيەتلىرىنىڭ پايدىسى نېمە؟ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.