ئايتېكىن چەتىن: «بىز شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى بىر يېرىم مىليون كىشىگە ئاڭلاتتۇق»
2015.06.23
تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە گۇرۇھلاردىن باشقا يەنە بەزى تۈركلەرمۇ پۈتۈن ئىمكانىيىتى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا. بۇلاردىن بىرى ئەنقەرەدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئايتېكىن چەتىن ئەپەندىدۇر. ئۇ، بىرقانچە يىلدىن بېرى ئوقۇغۇچىلىرىنى باشلاپ، خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۇيۇشتۇرماقتا، تور بېتى ئېچىپ ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى تارقاتماقتا. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تارقاتقان خەۋەرلىرىنى بىر يېرىم مىليون ئەتراپىدا كىشى كۆرىدىكەن. بۇلاردىن باشقا ئايتېكىن چەتىن ئەپەندى ئەنقەرەدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش توغرىسىدا قول قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، قول قويۇلغان ماتېرىياللارنى تۈركىيە پارلامېنتىگە تاپشۇرغان. بىز بۇ ھەقتە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
«سىز بىر قانچە يىلدىن بېرى ناھايىتى ئاكتىپلىق بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىسىز، سىزنىڭ بۇ داۋاغا بۇنداق قىزىقىشىڭىز، قاچان قانداق پەيدا بولغان؟»دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى:
غۇلجا ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇشقا باشلىدىم. ئۇ، يىللاردا كۆكبايراق تاپالمىغانلىقىم ئۈچۈن قېلىن قەغەزنىڭ ئۈستىگە كۆك بايراقنىڭ رەسىمىنى سىزىپ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئاڭلىتىپ باشلىدىم. كېيىن ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ئىشخانىسىدا كۆكبايراقنى كۆردۈم. مەنمۇ بىر كۆچمەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەنلىكىم ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا چوڭقۇر سۆيگۈ ۋە مۇھەببىتىم بار. مەن تۈركىيەدە مەزلۇم تۈركىي خەلقلەرنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشىۋاتىمەن. شەرقىي تۈركىستانغا ئالاھىدە قىزىقىشىمدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ دۇنياغا ئاۋازىنى ئاڭلىتالمىغان ئېزىلگەن بىر مىللەت بولۇشى. شۇڭا مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ھەر خىل يوللار بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمەن.
«نېمە پائالىيەتلەرنى قىلدىڭىز بۇ ھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئايتېكىن چەتىن ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى:
مەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى باشقا ئوقۇغۇچىلىرىمغا ئاڭلىتىش بىلەن باشلىدىم. كېيىنچە بۇنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئاڭلىتىش كېرەك ئىكەن دەپ ئويلاپ، ئۆتكەن يىلى قادىر كېچىسى ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام جامىسى بىلەن قوجاتەپە جامىسىدە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئىمزا يىغىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق. بۇ يىل يەنە قىلىمىز. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا، تۈركىيە پارلامېنتىگە ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلارغا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا قىسقا دوكلاتلارنى يېزىپ تاپشۇرىۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا ئىز قالدۇرغان مۇھىم شەخىسلەر تۇغۇلغان ياكى ۋاپات بولغان كۈنلەردە، مۇھىم ۋەقەلەر يۈز بەرگەن كۈنلەردە مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىۋاتىمىز. خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزىۋاتىمىز. بولۇپمۇ ياش - ئۆسمۈرلەرگە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېقىلغا سىغمايدىغان زۇلمىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز.
«سىز ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى، خەۋەر، ماقالە، رەسىم ۋە سىنالغۇ كۆرۈنۈشلىرىنى ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا ناھايىتى ئاكتىپ تارقىتىۋاتىسىز، بىلىشىمچە بىر يېرىم مىليون ئەتراپىدا كىشى سىزنى تەقىپ قىلىۋاتىدۇ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟»دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى:
كېيىنكى 2 - 3 يىل ئىچىدە ئىجتىمايى تاراتقۇلارنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى بەكلا كۆپەيدى. مەن كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنى ياخشى بىلىمەن. شەرقىي تۈركىستان كېيىنكى 2 يىل ئىچىدە تېخىمۇ بەك كۈنتەرتىپكە كېلىشكە باشلىدى. بۇنىڭ سەۋەبى تۈركىيەدە مىللەتچىلىك كۈچەيدى. ئىجتىمايى تاراتقۇ ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيدى. خىتاي شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەدە بىلىنمەسلىكى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن مېنىڭ www.buzulmedurde.net ناملىق تور بېتىم ئۆتكەن ھەپتە 4 مىڭ قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. ئىجتىمايى تاراتقۇلارنى باشقۇرىدىغانلارغا داۋاملىق بىزنى ئەرز قىلىپ، بەزى كۆرۈنۈشلىرىمىزنى چىقارتىۋېتىدۇ. مەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلمى ئاڭلىتىلغان كۆرۈنۈشلەرنى داۋاملىق ھالدا تارقىتىۋاتىمەن چۈنكى كىشىلەر ۋىدىئوغا بەكلا قىزىقىدۇ. خەۋەرلەرنى تارقىتىشتا ئىجتىمايى تاراتقۇلارنىڭ رولى بەك زور. ھازىر مېنى بىر يېرىم مىليون ئەتراپىدا كىشى تەقىپ قىلىدۇ. بىزنىڭ مەقسىتىمىز بۇنى 10 مىليونغا چىقىرىش.
«سىز ئەنقەرەدە بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتىسىز، ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنى ئېلىپ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىسىز؟ ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نېمىلەرنى ئاڭلىتىپ، بۇنداق قىزىقتۇرىۋەتتىڭىز بۇ مەسىلىگە؟»دېگەن سوئالىمىزغا ئايتېكىن چەتىن ئەپەندى مۇنداق جاۋاپ بەردى:
شەرقىي تۈركىستان دەيدىغان بىر جاينىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ بايرىقىنىڭ، تىلىنىڭ ۋە دىنىنىڭ تۈركلەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىمەن. ئاخىرى ئۆزلىكىدىن كېلىدۇ. مەن كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى بولغانلىقىم ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى تور بەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئادرېسىنى ئوقۇغۇچىلىرىمغا بېرىمەن. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇلار بۇ تور بەتلىرىنى كۆرۈپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا بولغان قىزىقىشى كۈچىيىپ كېتىدۇ.
«ئايتېكىن چەتىن ئەپەندى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى كېلەي دەپ قالدى، نېمە پائالىيەت قىلماقچىسىلەر؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى:
خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئىدارىدىن رۇخسەت ئېلىپ قويدۇق. ئەلچىخانا ئالدىدا ئىپتار قىلىمىز، ئەگەر ئىپتار قىلالمىساق مەتبۇئات باياناتى ئوقۇيمىز. بۇ ئارقىلىق قاتىل خىتاي دۆلىتىنىڭ 2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىمىز. مەن تۈركىيەدىكى پۈتۈن ئىنسانلارغا شۇنى دېمەكچىمەنكى، تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولىمەن دېسىڭىز ئۆزىڭىز تۇرىۋاتقان رايوندىكى ساقچى ئىدارىسىغا ئىلتىماس قىلسىڭىز دەرھال رۇخسەت بېرىدۇ. رۇخسەت ئالغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بايانات ئېلان قىلالايسىز، نامايىش ئۆتكۈزەلەيسىز.