تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتاينىڭ دىنىي بېسىم سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

0:00 / 0:00


رامىزان ئېيى باشلانغاندىن بېرى تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە كەڭ - كۆلەمدە ئورۇن بېرىلمەكتە. تۈركىيەدىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن 26 - چىسلا خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئىپتار تامىقى يېيىشكە تەييارلانماقتا. بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي بېسىم سىياسىتىنى بولۇپمۇ روزا تۇتۇشنى چەكلەش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىمەكتە. بۇ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى 450 مىڭ ئەزاسى بار، تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىدۇر. كادىرلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

ئەپسۇسكى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمى كۈندىن - كۈنگە كۈچەيمەكتە. خىتاي ئۆتكەن يىلىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەن ئىدى، بۇ يىلمۇ چەكلىمە داۋام قىلىش بىلەن بىرلىكتە، خىتاي رامىزان ئېيىدا دىنىمىزدا مەنئىي قىلىنغان ھاراق ئىچىشقا ۋە سېتىشقا مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلماقتا. ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچار بولىۋاتقان مەسىلە پەقەتلا دىنىنىڭ چەكلىنىشىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلارنى يوق بولۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچار بولماقتا. ھەر يىلى كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرىلىۋاتقانلىقىنى، تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، تۈرمىگە تاشلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ئىز - دېرەكسىز يوق بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ. تېخى ئىككى كۈن بۇرۇن قەشقەردە 15 ئۇيغۇر خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپتۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ناھايىتى ئېغىر.

ئىسمايىل قونجۇق ئەپەندى، 21 - ئەسىردە ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى ئالدىنقى پىلانغا ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ بېسىملىرىغا ب د ت ۋە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ قاراپ تۇرۇشىنىڭ كىشىنى ئەجەپلەندۇرىغانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

2015 - يىلىغا كەلگەن بۈگۈنكى كۈندە ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى كۈچەيگەن بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىگە دۇچار بولۇشى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇنى كۆرمەسلىكى، ئاڭلىماسلىقى، ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى تۈركىيەنىڭ ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ بۇنى كۆرمەسلىكىدۇر. خىتاي ئۇيغۇرسىز بىر شەرقىي تۈركىستان بەرپا قىلىشقا، يەنى ئۇيغۇر زېمىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا تىرىشماقتا. مەن 450 مىڭ ئەزاسى بار تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلەيمەن، شۇنداقلا ب د ت نى، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيەتىنىڭ خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىشىنى تەلەپ قىلىمەن.

تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىمۇ رادىئومىزغا بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ روزا تۇتۇشنى چەكلەشتىن ئىبارەت ئىپتىدائىي سىياسىتىنى ئەيىپلايدىغانلىقىنى، تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.