ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىشچىلار تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 4 يىللىق خاتىرە كۈنىدە خىتاينىڭ تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىشچىلارنىڭ خىتايغا قارشى توۋلىغان شۇئار سادالىرى ئەنقەرە شەھىرىنى زىل - زىلگە كەلتۈردى.

شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە خىتاي ئەلچىخانىسى بىناسىنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ باشلانغان نامايىشقا تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان كادىرلار ئۇيۇشمىسى مەسئۇللىرى، تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى رەھبەرلىرى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى، قېرىنداش تۈرك جەمئىيەتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن بىللە تۈركىيىنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى.

بۇ قېتىملىق نامايىشنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىش رىياسەتچىلىرىدىن خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. ئۇلار باياناتىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 5 - ئىيۇلدا ئۆلتۈرۈلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئىز - دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەن كىشىلەرنى ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار باياناتىدا يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى. نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا قارا گۈلچەمبىرەك قويدى.

نامايىشچىلار، قوللىرىدا تۈركىيە بايرىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا، «5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئۇنۇتمايلى»، «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك»، «ئۇيغۇرلار يالغۇز ئەمەس»، «ھەممە جايدا ئۇيغۇر ھەممە جايدا ئىسيان» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان ھالدا خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىن ئايرىلدى.

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئەنقەرەدە بىر ھەپتە بۇرۇن باشلانغان بولۇپ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردىمۇ داۋاملاشماقچى.